ئامېرىكا ۋاقتى بويىچە تۈنۈگۈن ئېچىلغان يېغىندا ھەممەيلەن پەرەز قىلغىنىدەك، يېڭى ئەۋلات iPad، يېڭى ئەۋلات Apple TV ۋە iOS 5.1 قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى.
يېڭى ئەۋلات iPad دىكى ئالاھىدىلىك ۋە يېڭىلىقلار:
1. Retina ئېكران، ئېنىقلىق دەرىجىسى 1536×2048 ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سۈزۈك ئېكران. بۇرۇنقى iPad قارىغاندا، پىكىسىل سانى تۆت ھەسسە يۇقىرى. ھەمدە رەڭنىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىمۇ %44 كۆتۈرۈلگەن.
2. A5X بىر تەرەپ قىلغۇچ. قوش نىگىزلىق CPU، تۆت نىگىزلىق GPU(سۈرەت كارتىسى). مۇشۇنداق تىز سۈرئەتلىك CPU دىمۇ باتارىيەنىڭ چىداش ۋاقتى بۇرۇنقىدەكلا 10 سائەت!
3. 500 مىلىيون پىكىسىللىق iSight كامىرا، ئىلغار ئوپتىكا تىخنىكىسى بىلەن لايىھەلەنگەن بولۇپ ناھايىتى سۈزۈك رەسىم ۋە 1080P ئۆلچىمىدىكى HD سىنىنى ئالالايدۇ.
4. دەرىجىدىن تاشقىرى سىمسىز تور 4G LTE نى قوللايدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ ئالما شىركىتى توربىتىدىن 500 مىلىيون پىكىسىللىق يېڭى ئەۋلات iPad كامىراسىدا تارتىلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتى رەسىم ۋە سىننى كۆرەلەيسىز.
يېڭى ئەۋلات iPad ، تۇنجى تۈركۈمدە 3-ئاينىڭ 16- كۈنى 10 دۆلەتتە تەڭلا بازارغا سېلىنىدۇ. خۇشاللىنارلىقى شۇكى تۇنجى قىتىم بازارغا سېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا بۇرۇنقى ئادەت بويىچە ئامېرىكا، ياۋروپالارلا بولماستىن، شاڭگاڭ مۇ بار. بۇ بىزنىڭ ۋەتەن ئىچىمۇ ناھايىتى تىزلا ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنجى تۈركۈمدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ بۇنىڭ ئارىسىدا جۇڭگۇ يوق.
باھاسىغا كەلسەك يېڭى ئەۋلات iPad نىڭ باھاسى بۇرۇنقى 2 iPad نىڭ باھاسىغا ئوخشاش، WiFi نۇسقىدىكى 16G/32G/64G نىڭ باھاسى $499/$599/$699 . 4G نۇسقىدىكىسىنىڭ بولسا $629/$729/$829 . 2 iPad نىڭ 16G WiFi نۇسقىسى داۋاملىق سېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى بۇرۇنقىدىن $100 چۈشۈرۈلۈپ $399 دىن سىتىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يېڭىلىقدىن:
iOS 5.1 ئېلان قىلىندى، چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
iPhone 3GS | 5.0.1 | 5.1 |
iPhone 4 | 5.0.1 | 5.1 |
iPhone 4(CDMA) | 5.0.1 | 5.1 |
iPhone 4S | 5.01 | 5.1 |
Touch 3 | 5.0.1 | 5.1 |
Touch 4 | 5.0.1 | 5.1 |
iPad 1 | 5.0.1 | 5.1 |
iPad 2(WiFi) | 5.0.1 | 5.1 |
iPad 2(3G) | 5.0.1 | 5.1 |
iPad 2(CDMA) | 5.0.1 | 5.1 |
iPad 2(Sprint) | - | 5.1 |
iPad 3(WiFi) | - | 5.1 |
iPad 3(4G) | - | 5.1 |
iPad 3(4G) | - | 5.1 |
iOS 5.1 دىكى يېڭىلىقلاردىن:
本更新包含了数项改进及错误修正,其中包括:
Siri 的日语支持(初始部署期间可用性可能受限)
现在可从“照片流”中删除照片
“相机”快捷方式现可在 iPhone 4S、iPhone 4、iPhone 3GS 和 iPod touch(第 4 代)的锁定屏幕上始终可见
“相机”面孔检测功能现可突出显示所有检测到的面孔
重新设计了 iPad 上的“相机”应用程序
适用于 iTunes Match 用户的 Genius 混合曲目和 Genius 播放列表
iPad 上播放的电视节目和影片的音频经过优化,声音更加响亮清晰
iPad 上的 Podcast 回放速度控制和 30 秒钟倒带功能
解决了会影响电池续航时间的问题
修正了会偶尔造成呼出电话音频丢失的问题
· iPhoto ئېلان قىلىندى. باھاسى $4.99,بۇ يەرنى بىسىپ App Store دىن چۈشۈرەلەيسىز.
· يېڭى ئەۋلات Apple TV ئېلان قىلىندى. باھاسى $99 ، كىلەر ھەپتە بازارغا سېلىنىدۇ، بۈگۈندىن باشلاپ زاكاس قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى ئەۋلات Apple TV دا 1080P ئۆلچىمىدىكى HD سىننى قوللاش ۋە 照片流 قاراتلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان.
· ئۇنىڭدىن باشقا iWorks、iMovie لارمۇ يېڭىلاندى. بۇرۇن سېتىۋالغانلار يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
تۆۋەندىكىلىرى ئېلان قىلىنىش يىغىنىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر:
تۆۋەندىكى پۈتۈن ئېلان قىلىنىش يىغىنىنىڭ تولۇق فىلىمى:
(بۇ تىما تەھرىرلىنىۋاتىدۇ…)
—
پاسىبان كۇلۇبىدىن Uzboy يازمىسى.









































تۈزۈك يېڭىلىق يوق يەنىلا…!
جوبزنىڭ قەدرى ئۆتۈلىۋاتامدۇ نىمە…؟!
يېڭىلىق خېلى باردەك قىلىدۇغۇ؟
ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىر تەپسىلىي كۆرسىڭىز خېلى كۆپ يېڭىلىق بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلىرىنى قىسقا مەزگىلدە باشقا ھېچقايسى «ئايپەد رەقىبىلىرى» قىلالمايدۇ.
ئالاھىدىرەك يېڭىلىق قوشىلىشىنى جوبسقىلا باغلىۋېلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس. چۈنكى ئېلىكترون ئۈسكىنىلىرىدىكى ئالاھىدا يېڭىلىقلار كۆپىنچە فىزىكا ساھەسىدىكى ئالىملارنىڭ يېڭى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇھتاج بولىدىكەن.
Apple TV ھەققىدە تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرسىلە بوپتىكەن ،
قاتتىق دېتالى ، ئالاھىدىلىگى … دىگەنلەرنى
5.1 دىكى يېڭىلىقلارنىمۇ تەرجىمە قىلىۋېتىڭچۇ!
iPhoto توغرىلىقمۇ تېما يازارسىز،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.5.1 گە يىڭلىغان دوسلار تەسراتڭلارنى يوللاڭلا ئورتاقلىشلى . رەھمەت
5.1دە سگنال 5.0.1دىن ياخشى بولۇشىنى ئۈمد قلىمەن،