نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» ياكى 吉普车 دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلايمىز. Jeep ئۆزىنىڭ باشتىن-ئاخىر ساقلىغان خاسلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن شۇ قەدەر ئورۇن ئالالىغانكى، پۈتۈن بىر ماشىنا تۈرىنى ئۆزىنىڭ ماركىسى بىلەن ئاتايدىغان قىلىۋەتكەن.
شۇنداق، جېپنىڭ بۇ غەلبىسىنى بىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. سىز پىكاپ شەكلىدىكى ماشىنىنى «بېنز ماشىنا» ، «باۋما ماشىنا» دەپ ئاتاشقىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ MPV تۈرىدىكى ماشىنىنى پرېۋىيا ماشىنا، ئوۋديەسسىي ماشىنا دېگىنىنىچۇ؟ چاپقۇر شەكلىدىكى ماشىنىنى «لەمبورگىنى ماشىنا» ، «فەرارى ماشىنا» دەپچۇ؟ مېنىڭچە ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن. مېنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئاڭلىمايمىز. لېكىن، دالا ماشىنىسىنى بۇرۇن، ھازىر ۋە بۇدىن كىيىنمۇ «جېپ ماشىنا» دەپ ئاڭلاۋېرىشىمىز مۇمكىن. بۇنى بىز جېپنىڭ غەلبىسى دېمەي تۇرالامدۇق؟
بىزنىڭ كاللىمىزدا ئېنىق بولىشى كېرەك بولغان بىر نوقتا شۇكى، جېپ ماشىنىنىڭ تۈرى ئەمەس بەلكى بىر ماركا. جېپ Jeep ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ماركا بولۇپ، ئاساسلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۈچلۈك دالا ئىقتىدارىغا ئېگە ئۇنىۋېرسال ئاپتوموبىل ياسايدىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ماشىنىنىڭ ماركىسى دەپ بىلىشىمىز، لېكىن ماشىنىنىڭ تۈرى دەپ بىلمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالساقلا كۇپايە. مەن جېپ شىركىتىگە بولغان ھۆرمىتىم، بولۇپمۇ ماۋۇ چارۋىچى ساھاراغا بولغان ھۆرمىتىم بىلەن دالا ماشىنىسىنى «جېپ ماشىنا» دەپ ئاتىغۇچىلارنى ئۇنداق ئاتىماسلىققا تەۋسىيە قىلمايمەن. ھەتتا بۇ خىل ئاتاشنىڭمۇ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن.
جەسۇر SUV نىڭ تىپىك ئوبرازى بولۇشقا تېگىشلىك ماشىنىغا قايسى ماشىنىنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىمىز؟ جەڭ قەھرىمانى Willys MB نىڭ پۇشتى ، ئادەمگە ئىشەنچ ۋە جەسۇرلۇق ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئەزىمەت Jeep Wrangler جېپ چارۋىچى 吉普牧马人 نى چوقۇم نامزات قىلىپ كۆرسىتىش لازىمغۇ دەيمەن؟ نۆۋەتتە چارۋىچىنىڭ 2012 يىللىق پەچەت نۇسقىسى بازارغا سېلىندى.
2012-يىللىق ساھارا (چارۋىچىنىڭ ئىككى نۇسقىسى بار. بىرى رۇبىكان، يەنە بىرى ساھارا) ئىلگىرىكى نۇسقىسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئۇ يەنىلا پىشقان ۋە تەجرىبىلىك SUV . ساھارادا ھېلىھەم ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن ئۆزىدىن خېلىلا قىممەت، خېلىلا بەستلىك SUV لارنى دالا ئىقتىدارى تۈپەيلى يىراق-يىراقلارغا تاشلاپ ماڭالايدىغان ئالاھېدىلىك ئۆزگەرگىنى يوق!
بۇ ماشىنىنىڭ لايىھەسىدە نۇرغۇن كلاسسىك ئېلىمېنتلار داۋام ئېتىشى كېرەك. بۇ جېپنىڭ خاسلىقى. بۇ جېپنىڭ ئۆزگىچىلىكى. بەلكى مۇشۇنداق خاسلىقىنى جېنىدىن ئېزىز كۆرۈپ كېلىش بەلكى جېپنى بۈگۈنگە شۇ قەدەر ئۇتۇقلار بىلەن باشلاپ كېلەلىگەن نەرسە بولسا كېرەك!
بۇ ماشىنا گەرچە 2012 – يىلىغا تەۋە لايىھە بولسىمۇ، ئۆزىدە يەنىلا 30-يىللاردىكى جېپ پۇرىقى، ئەجدادىنىڭ ئىزنالىرىنى مانا مەن دەپ نامايەن قىلغان بىر شەكىلدە لايىھەلەنگەن ئىدى. بۇنىڭ لايىھەسىدىن ھەم كلاسسىكلىكنى، ھەم ھەشەمەتلىكنى، ھەم تەمكىنلىكنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن ئىدى.
چاپ-چاسا ماشىنا كابېنكىسى، ئاددىي، لېكىن تەمكىن، ئېغىر بېسىقلىق چىقىپ تۇرىدىغان سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى، كەڭ ۋە يوغان ئالدى لىم (保险杠) ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل گۈللىرى بولغان چاق … مانا بۇلاردىن ساپ جېپ ئۇسلۇبى پۇراپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئىچكى بېزىلىش – ساھارانىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا جېپنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان جايى ئەمەس. لېكىن بۇنداق ئېيتىش، ئىچكى بېزىلىشكە ئېتىۋار بەرمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. يۇقارقى ئىككى پارچە رەسىمدىن جېپنىڭمۇ مۇشۇ كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالماق قىيىن ئەمەس.
جېپنىڭ لايىھەسىدە بارلىق دىققەت نەزىرىنى دالا كېزىش ۋە شۇنىڭغا كېتەرلىك دىققەتنى بىر جايغا يىغىشقا ئېتىۋار بېرىپ لايىھەلىگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ھەيدىگۈچىمۇ مۇشۇ نوقتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، شۇنىڭغا ماسلىشالىسا ساھارانى لايىھەلىگەن كىشىنىڭ ئاندىن ھاردۇقى چىقىدىغۇ دەيمەن…
2012 يىل نۇسقىسىدىكى چارۋىچىغا Pentastar V6 تىپلىق 3.6 لېتىرلىق پۈتۈن ئاليۇمىن ماتور، يانداشتۇرۇپ 5 خوتلۇق ئاپتۇماتىك ۋە قول خوت سەپلەنگەن كورۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېڭى نۇسقىسىدا چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئات كۈچى بىر يەرگە كەلمەسلىكتەك كەمچىللىك تۈزىتىلىپتۇدەك. يېڭى V6 3.6 L لىك ماتورنىڭ ئات كۈچى 284 ئىكەن. 6350 دىكى تولغىما كۈچ مومېنتى 347 نىيۇتون.مېتىرغا يېتىدىكەن.
جېپ بىلەن، بولۇپمۇ چارۋىچى بىلەن نەچچە يىللىق مېھرى-مۇھەببىتى بار، مۇناسىۋىتى قويۇق كىشىلەرنىڭ شۇنداق بىر ئېغىز گېپى بار. «ئەگەر چارۋىچى سېنى سەن بارماقچى بولغان جايغىمۇ باشلاپ بارالمىسا، ئەڭ ياخشىسى بارىدىغان جايىڭنى تۈزۈكرەك ئويلىشىپ كۆر.» بۇ جۈملىدە ماشىنا بارالمىسا ماشىنىنى ئالماشتۇر دېمەي بىزگە بارماقچى بولغان جايىمىزدا مەسىلە بارلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بۇ جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ساھاراغا نە قەدەر ئىشەنچ قىلىدىغانلىقنى كۆرىۋالغىلى بولامدۇ قانداق؟
جېپ Wrangler نىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكىسى بولغان Rock-Trac سېستىمىسى تېز سۈرئەتلىك ئارقا چاق قوزغىلىش (2H) ، تېز سۈرئەتلىك 4 چاق قوزغىلىش (4H) ، ئاستا سۈرئەتلىك 4 چاق قوزغىلىشتىن ئىبارەت 3 خىل قوزغىلىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شوپۇر يول ئەھۋالىغا ئاساسەن خالىغان خوتقا ئالماشتۇرۇپ ماڭساق بولىدۇ.
ئادەتتىكى يولدا 2H خوتقا سېلىپ ماڭغىنىمىزدا ماشىنا ئۆزىگە يارىشا ماي تىجەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بۇنىڭدا قاتتىق يول سېزىمى بولمايدۇ. چارۋىچىنىڭ نورمال يولدىكى سىزگە بەرگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بەلكى يەنە بىر ماشىنا سىزگە بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
ناچار يول شارائىتىغا ۋەياكى يۇقىرى دالا ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدىغان شارائىتقا يولۇققاندا ماس ھالدىكى 4L ياكى 4H خوتىنى تاللاپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كاردان قۇلۇپلىنىدۇ. ماتورنىڭ تولغىنىش مومېنتى 4 ھەسسە چوڭايتىلىپ ئارقا چاققا ئۇزىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماشىنا ناھايىتى ئاستا سۈرئەتتە، ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
قول خوتلۇق ساھاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تولغىنىش مومېنتىنى ئۆزىمىز خالىغان بىر شەكىلدە كونترول قىلىپ رەسىمدىكىدەك يوغان قىيا تاشلارغا قىينالمايلا ئېلىپ چىقالايمىز. بۇ ۋاقىتتا قول تورموز ياكى ماي بىلەن ئىشىمىز بولماي، پەقەت مۇفتا (ئايرىغۇچ) ئارقىلىقلا كونترول قىلىپ ماتورنىڭ ئۆزىنىڭ نورمال ئايلىنىش سۈرئېتىگە تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتكىلىمۇ بولىدۇ.
قىيا تاشلىق يوللاردا ئالدى چاق ھەرخىل توسالغۇ ۋە زەربىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. لېكىن بۇنى ساھارانىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى دالا ئىقتىدارى غايىپ قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇنداق زەربىلەرنى ساھارا پەقەت بۇرۇلۇش سېستىمىسى ئارقىلىقلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئادەتتە ھەيدىۋالىدىغان ماشىنىلىرىمىزدىكىدەك رولغا تەسىر قىلمايدۇ (ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا مېڭىپ باققان شوپۇرلار بۇ خىل ئەھۋالغا چوقۇم يولۇققان. ساھارادا بۇنداق ئەھۋال يوق).
ساھاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ماشىنىنىڭ چىدامچانلىقى، تۆمۈر قۇرۇلمىسىنىڭ پىششىقلىقى ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ھالقا. بۇ بىۋاستە بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ساھارانى داۋاملىق تۈپتۈز شەھەر كوچىلىرىدا ھەيدەپ يۈرىشىمىزمۇ ناتايىن. يۇقارقىدەك ناچار شارائىتتىكى دالىغا چىققاندا ھەرخىل توسالغۇ جىسىملارنىڭ ئاستى تەرەپتىن ئېتىلىپ چىقىپ ياكى سۈرۈلۈپ كېلىپ ماي باكىغا ، كاردانغا ۋە شۇنىڭدەك نازۇك جايلارغا تېگىپ كېتىش، تېشىۋېتىش خەۋپى بولىدۇ. ساھارانىڭ قۇرۇلمىسى مانا مۇشۇنداق يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپ لايىھەلەنگەن ۋە شۇنداق ياسالغان.
2012 يىل نۇسقىسىدىكى چارۋىچى ساھارا مۇكەممەل دالا ماشىنىسى (SUV) بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئېكىسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سىزنى سىز كۆرۈپ باقمىغان گۈزەل جايلارغا، ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىگە پاكىت بولىدىغان ئېسىل يەرلەرگە، تاڭ سەھەردىكى شەپەقكە ئېلىپ بارالايدۇ. بۈگۈن بىز دالا ماشىنا ساھەسىدىكى داڭدار شەخس – جېپ چارۋىچى Jeep Wrangler بىلەن مۇشۇ يەرگىچە تونۇشۇپ چىقايلى. كىيىنكى يازمىمىزدا ھەممىمىز بىلىدىغان Jeep ماركىسىنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، ئىنشا ئاللاھ!









































ھەقىقەتەن ئېسىل يازما بولۇپتۇ.
بۇنىڭ باھاسى ۋە ماي سەرپىياتى قاتارلىقلارچۇ ؟ …
12款3.6L 自动 四门Sahara 3.6L 手自一体 48.99万 45.5万-50.69万
12款3.6L 自动 两门Sahara 3.6L 手自一体 44.99万 41.7万-46.89万
12款3.6L 自动 四门Rubicon 3.6L 手自一体 54.99万 50.99万-57.99万
ئەپسۇس ، بەكلا قىممەت ئىكەن ،
بولمىسا دەل مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىكەن بۇ …
ما تېمىنى ئوقۇپ يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم !
جېپ ماشىنغا بولغان ھۆرمىتىڭىز مىنى تەسىرلەندۈردى!