كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

چاپقۇرلار ئائىلىسىگە تەۋە ماشىنىلىرى كەڭ تارقالغان گىرمانىيە داڭلىق ماركىسى PORSCHE «پورش» نىڭ كايەن دەيدىغان بىر SUV سى بار. كۆپ قىسىم ھەۋەسكار دوستلار بىلسە كېرەك. نۆۋەتتە ھازىرچە مەخسۇس چاپقۇر ياسايدىغان بىر ماركىنىڭSUV شەكلىدىكى 4 ئىشىكلىك ماشىنىنى ئالاھىدە ياسايدىغاندىن پەقەت پورشلا بار. ئاڭلىساق يېقىندا قاتىل چاپقۇر ماركىسى «لەمبورگىنى» Lamborghini بۇنىڭغا رىقابەتچى ياسىغۇدەكمىش …

ئاۋال بىز گېپىنى قىلىۋاتقان پورش كايەن Porsche Cayenne نىڭ بىر قانچە پارچە رەسىمىنى بىر كۆرۈپ ئۆتەيلى.

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

پورش ماركىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن كلاسسك بولغان چاپقۇر ماركىسى. ئۇنىڭ بۇ SUV سىنىڭ باھاسىمۇ بەك يۇقىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىستىمالچىلارنىڭ كۆپلەپ سېتىۋالىدىغان شەھەر SUV سى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. چۈجەيرىسىدە چاپقۇر ئېلىمىېنتى بولغان كايەننىڭ ئەمدى «بىردىنبىر چاپقۇر ماركىسىدىكى SUV» دېگەن خان تاجىسىنى تالىشىدىغان رىقابەتچىسى چىققۇدەكمىش. ئۇ رىقابەتچىسى، غايىۋى چاپقۇر ماركىسى – لەمبورگىنىدىن كېلىدىكەن.

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

پورشنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىكى يۇقىرى ئورنىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەشەمەت SUV قاتارىدا ناھايىتى ياخشى سېتىلغان كايەننى كۆرۈپ تۇرغان بېنتلىي، لەمبورگىنىلار ئولتۇرالماي قالغان چېغى. ئاڭلىسام فەرارىمۇ ئەتە-ئۆگۈن SUV ياساپ چىقارمىش. نېمىلا دېگەن بىلەن SUV ھەقىقىي ئەركەكلەر ئىنتىلىدىغان ماشىنا تۈرىدە.

مۇشۇ ماركىلارنىڭ SUV لىرى ئېلان قىلىنىدىغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇشۇ بىر قانچە پارچە لايىھە رەسىملىرىنى ئېلان قىپتۇ. بىلمىدۇق بۇ يىل 4-ئايدىكى بېيجىڭ ماشىنا كۆرگەزمىسىدە بۇ يېڭى ئوقەتنى كۆرەلەمدۇق يوق؟

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

رەسىمگە قارىساق سىرتقى كۆرىنىشى لەمبورگىنىنىڭ ئېلىمېنتلىرىنى ئۆزىدە مانا مەن دەپ مۇجەسسەملەپ تۇرغاندەك قىلىدۇ. گاللاردوغا ئەڭ ئوخشىغىنى چوڭ چىرىغىدەك تۇرىدۇ. ئارقا تەرەپتن سپورت پۇرىقى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىكەن. ئاستىدىن ئۈستىگە چىققان قارا رەڭلىك قىسمىغا قارىساق قۇيۇن يوقىتىش قۇرۇلمىسىنىمۇ كۆرەلەيدىكەنمىز. دېمەك بۇ SUV نى بوش چاغلىغىلى بولمىغۇدەك.

كايەن ئۆزۈڭنى خان چاغلىما، لەمبورگىنىمۇ كەپقالاي دېدى …

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ مەخلۇققا 567 ئات كۈچىگە ئېگە V10 ماتور سەپلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا 700 ئات كۈچىگە ئېگە ئارىلاش كۈچ مەنبەلىك نۇسقىسىمۇ بار بولۇپ، يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسىدىكى ماشىنىلارغا ئامراق كىشىلەرگە يەنە بىر تاللاش قالدۇرۇلغان. نۆۋەتتە بۇ ماشىنا «ئۇقۇم» دەۋرىدە بولۇپ، سىناش باسقۇچىدا ئىكەن. بەلكى 2015-يىللىرى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىنكەن. چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كايەن بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغىنىدىن قارىغاندا باھاسى بەلكى ئۆزىنىڭ چاپقۇرلىرىدەك ئۇ دەرىجىدە قىممەت بولماسلىقىمۇ مۇمكىنكەن. ئاللاھ نىسىپ قىلىپ شۇ ۋاقىتلارغا ئۇلاشساق بۇنىڭغا شاھىدمۇ بولۇپ قالارمىز.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



بىرتال ئىنكاس بار.

  1. sportage غا ئازىراق ئوخشاپقالدىكەن ئالدى تەرپى..بازارغا چىققۇچە جىق پۇل تېپىپ ساقلاپ ئولتۇرسام بولامدۇ نىمە؟بەك ياراپ كەتتا بۇ…

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5 نىڭ كونا نەشىر ئابونتلىرى 5.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 5.0.1 5.1
iPhone 4 5.0.1 5.1
(iPhone 4 (CDMA 5.0.1 5.1
iPhone 4S 5.0.1 5.1
iTouch 3 5.0.1 5.1
iTouch 4 5.0.1 5.1
iPad 1 5.0.1 5.1
iPad 2 Wifi 5.0.1 5.1
iPad 2 3G 5.0.1 5.1
iPad 2 CDMA 5.0.1 5.1
iPad 3 WiFi - 5.1
iPad 3 4G - 5.1
iPad 3 4G CDMA - 5.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.6 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac].

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0228 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش