يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئالدىنقى يىلى تېخى يېڭىچە مەك سېستىمىسى Mac OS X Lion نى يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ ئۈلگۈرۈشكەن ئالما شىركىتى، يېڭى  iPhone, iPod touch, MacBook, iMac … قاتارلىق بىر قاتار ئۈسكۈنىلىرىنى، شۇنداقلا ھەممىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان iOS سېستىمىسىنى، يەنە پات ئارىدا ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرغان iPad 3 نى لايىھەلەش ۋە ياساش  ئالدىراشچىلىقىدا تۇرسىمۇ، يىپيېڭى سېستىما OS X Mountain Lion نى ئېلان قىلغۇدەك.

16-فېۋرال كەچتە ئالما شىركىتى پروگراممېرلارغا تۇنجى بولۇپ OS X 10.8 نىڭ سىناق نۇسقىسىنى تارقاتتى. 10.8 لىك سېستىما – شىر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن Mountain Lion «ئامېرىكا شىرى» دېگەن نام بىلەن مەيدانغا چىقىدىكەن. ئالما تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە ئامېرىكا شىرى بۇ يىل يازدا جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

سېتىمىغا iPad نىڭ كونا ئىشلەتكۈچىلىرىگە ناھايىتى تونۇش بولغان ئېلىمېنتلار قوشىۋېتىلگەن بولۇپ، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ سېستىمىسىنىمۇ يات ھېس قىلدۇرماسلىق، شۇ ئارقىلىق مەكنى ئوموملاشتۇرۇش ۋە بازار تېپىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالماق قىيىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار يېڭى سېستىمىدا iPad تىكى نۇرغۇن ئىقتىدارلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى، خاسلىقىنى ساقلىغان شەكىلدە تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

OS X Mountain Lion arrives this summer. With all-new features inspired by iPad, the Mac just keeps getting better and better.

بىز بۇ يازمىدا ئېيتىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇنلار پەقەت پروگراممېرلار ئۈچۈن تارقىتىلغان سىناق نۇسقىسىدىكى بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار بولۇپ، ئەسلى سېستىمىدا چوقۇم تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ پەقەت پروگراممىرلارغا تەمىنلىنىدىغان سىناق نۇسخا خالاس. ئاۋال بۇ سىننى بىر كۆرۈپ چىقايلى.

ئەمدى Mac OS X دېگەن نام يوقايدىكەن

شۇنداق، ئەمدى مەك سېستىمىسىغا Mac OS X (مەك مەشغۇلات سېستىمىسى 10 دېگەن مەنىدە) دەپ يۈرمەيدىكەن. ئالما شىركىتى سېستىما نامىدىن Mac نى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت OS X دەپ ئاتاشنى باشلاپتۇ. مەنىسى ئوخشاشلا «مەشغۇلات سېستىمىسى» بولىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى پەقەتلا Mac بولىشى كېرەك ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Mac نى قوشسۇن قوشمىسۇن بەرىبىر بولسا كېرەك. ياكى ئۇلار iOS تىن پەرق ئېتىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا OS X دەپ، تېلىفون ۋە iPad لىرىدىكىنى iOS دەپ ئاتاپ، Mac دېگەن بۇ نامنى قاتتىق دېتالغا (Mac كومپىيۇتېرلىرىغا) ئىشلىتىدىغانمۇ ئوخشايدۇ.

iCloud نى تېخىمۇ كېڭەيتىش

بىز مەيلى iOS 5 لىك سېستىما قاچىلانغان iDevice بولسۇن ياكى يېڭى OS X سېستىمىسى قاچىلانغان بىرەر Apple Device سېتىۋالساق، پەقەت iCloud نى باغلاپ قويۇش ئارقىلىقلا ئۈسكۈنىلەر ئارا مۇكەممەل بۇلۇت سۇپىسىدىن بەھرىمان بولالايدىكەنمىز. بۇ مەشغۇلات جەريان تولىمۇ ئاددىي بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

iPad تىكى بىزگە تونۇش ئاشۇ ئىقتىدارلار

Reminders ئەمدى Mac كە كۆچۈپ كەپتۇ. Notes يېڭىلىنىپتۇ. iCal ۋە 地址簿 نى 日历 ۋە 通讯录 غا ئۆزگەرتىپتۇ. iCloud قا ماسقەدەملەشتە ئىسىم ئاتاشتىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئازايتىپ، بېرلىككە كېلىشى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپتۇ. (ھەجەپ رادىئودا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلدا؟)

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇنىۋېرسال پاراڭلىشىش قورالى – iChat

ئالدىنقى كۈنلىرى بىر يازمىمىزدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىن ئەتكەن ئىدۇق. خۇددى شۇنىڭدا ئېيتقاندەك، iChat نىڭ ئورنىنى ئەمدى Messages ئالغۇدەك. بۇ خۇددى iPad, iPhone لاردىكى iMessage غا ئوخشاش بولۇپ، 5.0 لىك iDevice لاردا راۋان پاراڭلاشقىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ئۇچۇر مەركىزى Notification Center

Growl نىڭ MAc سۇپىسىدىكى ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇچۇر تەمىنلەش قورالى ئىكەنلىكىنى بەزىلەر بىلمىسە كېرەك. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن، بۇ قورال ئىلگىرى شۇنداق ئېدى. ئەمما شىرنىڭ چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ بۇنىڭ ئورنىنى ئالمىنى ئۆزىنىڭ ئۇچۇرتەمىنلەش مەركىزى بولغان Notification Center ئېلىپ كېتىپتۇ. چۈنكى بۇ iOS 5 ئابونتلىرىغا خېلىلا تونۇش بولۇپ كەتتى. كىشىلەرمۇ ياقتۇرۇپ قېلىشتى. بۇنى كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا ئېلىپ كەلسە نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

Game Center كومپىيۇتېر سېستىمىسىدىن ئورۇن ئالىدىكەن

دىققەت قىلغان بولساق، يېقىندىن بۇيان iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش مودا بولىۋاتقان iDevice لارغا ئويۇن ياساۋاتقان شىركەتلەر بارغانسىرى Mac App Store تەرەپكىمۇ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، iOS ئويۇنلىرىنى لايىھەلىگەن Objective-C دا ئوخشاشلا Mac سېستىمىسىنىڭ ئويۇنلىرىنىمۇ لايىھەلىگىلى بولىدۇ. پەقەتلا كىرىدىغان كىچىك ئىشىك ئوخشىمايدۇ. پروگراممېرلار ئۇ ئىشىكتىن يۈك-تاقىلىرىنى كۆچۈرۈپلا بۇ ئىشىكتىن ئەكىرسە ۋە ئاددىي بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزسە، Mac سسېتىمىسىدىمۇ بۇ ئويۇننى ئوينىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئۇنچە قىيىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن iPhone دىكى نۇرغۇن ئويۇنلارنى ھازىر Mac تىن تاپالايمىز. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ بازىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئالما تەرەپ مۇشۇ سەۋەبلىك كومپىيۇتېر سېستىمىسىغا Game Center نى قوشقان بولسا كېرەك…

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

ھەمبەھرلىنىش ئېغىزى تەسىس قىلىنىپتۇ

يېڭى OS X ئۈچۈن ياسالغان ئەپلەرگە مەخسۇس تەمىنلەنگەن بۇ ئىقتىدار تېخىمۇ قولاي بولۇپ، بىز بىرەر تور بەتتىكى رەسىمنى باشقا يەرلەردە ھەمبەھرلەنمەكچى بولساق، تور كۆرگۈ ئارقىلىق ئاۋال ئۇ رەسىمنى ساقلىۋېلىپ، ئاندىن باشقا جايدا ئىشلىتىپ … دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلىپ يۈرمەيلا، شۇ رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسەكلا بۇ رەسىمنى باشقا جايلاردا (مەسىلەن، مىكروبلوگ، iMessage دېگەندەك) ھەمبەھرلەنگىلى بولىدىغان بوپتۇ.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

AirPlay Mirroring

ئىلگىرى iPhone 4S ۋە iPad 2 قىلالايدىغان AirPlay ئىقتىدارى ئەمدى OS X تىمۇ بوپتۇ. Apple TV نىڭ دۆلىتىمىزدە ئوملىشىشىغا كۆزىمىز يەتمىسىمۇ، بۇنى كۆرگەن ھەشەمەتخورلار چوقۇم ئامېرىكىدىن بولسىمۇ ئەكىلىپ ئىشلىتىدۇ. iPhone ۋە iPad لىرىمىز، Mac كومپىيۇتېرلىرىمىزمۇ سىمسىزلا Apple TV غا ئۇلىنىپ، سىن ئۇچۇرلىرىنى TV دا كۆرسەتكىلى بولىدىكەن.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

بىزگە تونۇش يەنە بىر نەرسە

ئالما شىركىتىنى دۇنياغا قايتىدىن تونۇتقان iPhone ۋە iPad نىڭ جۇڭگودا قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى، جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر زور پايدىلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. Mountain Lion سېستىمىسى جۇڭگو ئابونتلىرىنى خېلىلا كۆزدە تۇتقان بولۇپ، 网易,QQ邮箱, 微博,优酷 قاتارلىق ئېلخەت ۋە سىن قويۇش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ئالما ئورگان تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ قولاي بولغان.

يېڭى Mac تىن قىسقىچە ئۇچۇر

OS X Mountain Lion نى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالما تور بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپايمۇ؟



2 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. ئاۋۇ ئايپەد2 دىكى ئاير پىلەي ئىقتىدارى دىگەن قانداق ئىقتىدار ئۇ ؟

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(ئاشكارىلانمايدۇ، تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)


App Store دىن ئىزدەش

iOS 5 نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى

iOS 5.0 ئابونتلىرى 5.0.1 گە يېڭىلىماقچى بولسا OTA شەكلىدىلا يېڭىلىسا بولىدۇ. بۇ ئەڭ قولاي ھەم ئەڭ ئىخچام ئۇسۇل. (مۇناسىۋەتلىك يازما) يېڭىلاش باسقۇچى: 设置-通用-软件更新

iPhone 3GS 4.3.5 5.0 5.0.1
iPhone 4 4.3.5 5.0 5.0.1
(iPhone 4 (CDMA 4.2.10 5.0 5.0.1
iPhone 4S - 5.0 5.0.1
iTouch 3 4.3.5 5.0 5.0.1
iTouch 4 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 1 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 Wifi 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 3G 4.3.5 5.0 5.0.1
iPad 2 CDMA 4.3.5 5.0 5.0.1

نۆۋەتتە iTunes نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 10.5.3 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى: [Windows 64] [Windows 32] [Mac]

iTools نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى iTools 2012 Beta 0111 . بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[English Version] [简体中文] [iTools for Mac]

© 2012 پاسىبان كۇلۇبى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش