Nokia سۈزۈك ئۇقۇم يانفونى ئاشكارىلاندى: قوش يۈزلۈك ئېكران لاھىيەسى ئىشلەتكەن

       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (Nokia Transparent Phone) نى لاھىيەلىگەن، پۈتۈن قىياپىتى Lumia بىلەن ئوخشاش.

         بۇ ئۇقۇم يانفونى قوش يۈزلۈك ئېكران ئىشلەتكەن، قاتتىق دىتال ئاساسسىزلا يوقاپ كەتمەيدىغانلىقتىن، باتارىيە قاتارلىق قاتتىق دىتال ئېكراننىڭ ئاستىغا ئورنىتىلغان، تېلكامېرا قاتارلىق قاتتىق دىتال ئېكراننىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغان، يانفوننىڭ چوققىسىدا تىڭشىغۇچ چېتىش ئېغىزى ۋە SIM چېتىش ئېغىزى بار، ئاستى قىسىمىدا پەقەت بىر دانە USB ئېغىز بار.

        يان تەرەپتە توك مەنبەسى كۇنۇپكىسى بار، ئاستىدا سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسى بار، يانفوننىڭ كۆرسىتىش ئېكرانى 3.7 دىيۇم، يانفوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 120 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 60 مىللىمېتىر، قېلىنلىقى 10 مىللىمېتىر، قاتتىق دىتالى 1GHz لىق قوش يادرولۇق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىك ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB/32GB/64GB لىك تاللىغىلى بولىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        بۇندىن سىرت، ئىككىنچى ئەۋلاد pureview تېخنىكىسىدىكى 41 مىلىيون پېكسىللىق كامېرا ئىشلەتكەن. ئالدى تېلكامېرا 2 مىلىيون پېكسىللىق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى كامېرا، مەشغۇلات سىستېمىسى Windows Phone 8، ۋىن 10 غا دەرىجە كۆتۈرگىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مىكروسوفىتنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئۇقۇم يانفونىنى قىياپىتى ئىنتايىن يېڭى، تەسەۋۋۇرى ئىنتايىن دادىل دېيىشكەن بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
05-02-2016
         ماكلارېن يېقىندا P1 GTR نىڭ سېخىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بارلىق ياساپ بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلغان. بۇ ماكلارېن يېڭى قۇرغان ئالاھىدە بۆلۈم.      ...
Powered by Leglek