ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچىسى ساتۇرىننىڭ «ئوپچە سۈرىتى» نى تارتقان. سۈرەتتە ساتۇرننىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھەمراھى ساتۇرننىڭ ھالقىسى ئەتراپىدا ئايلانماقتا. ساتۇرىننىڭ ئۈچىنچى ھەمراھى (دىئامېتىرى 1062كىلومېتىر) ساتۇرىننىڭ ھالقىسىدا، ساتۇرىننىڭ ئىككىنچى ھەمراھى (دىئامېتىرى 504 كىلومېتىر) ساتۇرىننىڭ ھالقىسىنىڭ مەركىزى ئاستىدا، ساتۇرىننىڭ بىرىنچى ھەمراھى (دىئامېتىرى 396 كىلومېتىر) ساتۇرىننىڭ ھالقىسىنىڭ ئاستىدا ئىككىنچى ھەمراھىنىڭ سول تەرىپىدە. بۇ سۈرەت 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچ تەرىپىدىن تار بۇلۇڭلۇق كامېرادا كۆرۈنمە سىپىكتېر دائىرىسدە تارتىلغان.
بۇ ۋاقىتتا كاسسىنى ناملىق تەكشۈرگۈچ ساتۇرىننىڭ ئىككىنچى ھەمراھىغا بولغان ئارىلىقى 1 مىليون 350 مىڭ كىلومېتىر. سۈرەتتىكى ساتۇرىننىڭ ئىككىنچى ھەمراھىنىڭ پېكسىل دەرىجىسى 8 كىلومېتىر، ساتۇرىننىڭ ئۈچىنچى ھەمراھى بولغان ئارىلىقى 1 مىليون 900 مىڭ كىلومېتىر، پېكسىل دەرىجىسى 11 كىلومېتىر، ساتۇرىننىڭ بىرىنچى ھەمراھى بىلەن ئارىلىقى 1 مىليون 700 مىڭ كېلومېتىر، پېكسىل دەرىجىسى 10 كىلومېتىر ئىكەن. بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ساتۇرىننىڭ ئىككىنچى ھەمراھى ۋە ساتۇرىننىڭ ئۈچىنچى ھەمراھى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولۇپ ساتۇرىن ھالقىسىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ساتۇرىننىڭ ھەجمى بىر قەدەر كىچىك بولغان ئىككىنچى ھەمراھى سۈرەتنىڭ ئالدى قىسمدا ئىكەن.
![]() |
22-دېكابىر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى بولغان «چىللە كىرىش كۈنى» (كۈن-تۈن تەڭلىشىش كۈنى) بولۇپ، ئەل ئارىسىدا « بۇ كۈندە تۈگۈر يېسە، قىش چىققىچە مۇزلىمايدۇ» دېگەن قاراش بار. بۇ ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved