قارشى قىرغاق خەلق پۇلى چارشەنبە كۈنى كەسكىن تەۋرەندى، ئارىلىق باھا بىر قېتىم 6.61 نۇقتىغىچە چۈشۈپ كېتىپ، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى ياراتتى، ئۈچ كۈنلۈك ئەڭ چوڭ چۈشۈش نۇقتىسى 700 نۇقتا بولدى؛ ئەمما قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بازار يېپىلغاندىن كېيىن، قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى تېز سۈرئەتتە قاڭقىدى، قارشى قىرغاق خەلق پۇلى نىيويورك سودا ۋاقىت بۆلىكىدە 6.57 ئەتىراپىدا قايتىلاندى. قىرغاقتىكى\\ قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى پېرۋوت پەرقى ئاسىيا سودا ۋاقىت بۆلىكىدە بىر قېتىم 1000 غىچە ئاشتى، مەركىزى بانكا قىسمەن چەتئەل مەبلىغىدىكى بانكىنىڭ چىگرا ھالقىپ خەلق پۇلى سېتىۋېلىش كەسپىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئېلان قىلدى.
قىرغاقتىكى خەلق پۇلى چارشەنبە كۈنى %0.08 چۈشۈپ 6.4902 نۇقتىغىچە چۈشۈپ كېتىپ، 2011-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئاجىز نۇقتىدا يىغىلدى.
قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بېشىدا چۈشۈپ كېيىن قاڭقىدى، ئۆسۈش ئارىلىقى 500 نۇقتىغا يېقىنلاشتى؛ نىيويوركتا تۇرۇشلۇق سودا خادىمى جۇڭگو مەركىزى بانكىسىنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئورگانلار ئارقىلىق تاختىسىنى قوغدايدىغان-قوغدىمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىغانلىقى، ئەمما چوڭ تىپتىكى ئۇزۇن سىزىقلىق خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچى دوكارلارنىڭ ھايىنىغا پايدا ئېلىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
«قىممىتى چۈشۈشنىڭ مۆلچەرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى...كۆپچىلىك ھازىر سېتىۋالمىسا كېلەر يىلى مەركىزى بانكا قاچسا، ھېچقانداق سېتىۋېلىش پۇرسىتى قالمايدىغاندەك ھېس قىلدى.»دېدى جۇڭگو مەبلىغىدىكى بانكىنىڭ سودا خادىمى، «كۆپچىلىك بۇ يىل سىياسىي نىشان بار، تۆۋەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دەپ پەرەز قىلدى؛ كېلەر يىلى يېڭى نۇقتا بولۇشى مۇمكىن، قىممىتىنىڭ چۈشۈشى بىرقەدەر كەسكىن بولىدۇ.»
ئۈچ نەپەر ئۇچۇردىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارلىشىچە، جۇڭگو مەركىزى بانكىسى قىسمەن چەتئەل مەبلىغىدىكى بانكىلارنىڭ كۆزنىكىگە يىتەكچىلىق قىلىو، ئۇلارنىڭ چىگرا ھالقىپ بانكا ساھەسىدە تاشقى پېرۋوت سېتىۋېلىش كەسپىگە قاتنىشىشىنى كېلەر يىلى 3-ئايغىچە چەكلىگەن.
چارشەنبە كۈنى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى ۋە قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ باھا پەرقى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭنى يارىتىپ، مەركىزى بانكىنىڭ قول سېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، مەركىزى بانكا بۇ سودىغا ئارىلاشتى.
قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بىلەن قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ باھا پەرقى كېڭىيىپ، قارشى قىرغاق بازىرىدا خەلق پۇلى سېتىۋېلىپ قىرغاق بازىرىدا سېتىش بىر پايدا نىسبىتى مول بولغان سودىغا ئايلاندى. چارشەنبە كۈنى، قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بىلەن قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ باھا پەرقى %1.8 گە يەتتى، ئازدىن كېيىنكى سودا ۋاقىت بۆلىكىدە ئوتتۇرىسى %1.3 كىچە تارايدى، مەركىزى بانكا قول سېلىپ ئارىلاشتى.
8-ئاينىڭ 11-كۈنى، خەلق پۇلى تاسادىپىي چۈشۈپ كېتىپ چەتئەلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەلق پۇلىدىن ۋاز كېچىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇندىن كېيىن قارشى قىرغاقتىكى ۋە قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ باھا پەرقى كېڭىيىشكە باشلىغان. سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر بۇ پەرقنى تارايتىشقا تىرىشقان، ئەمما قارشى قىرغاق ۋە قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت باھاسىنى قوللاش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئارىلىشىپ بۇ يىللىق تاشقى پېرۋوت زاپىسىنىڭ 400 مىلىيارد دوللاردىن ئارتۇق ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved