پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر سائەت 3 بولغاندا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا بىلىيالار كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. مېسسى بىر توپ كىرگۈزدى ۋە ياردەمچى پاس بەردى. ئىنىستا ۋە پىك بىردىن توپ كىرگۈزدى. نېيمار نۇقتا توپ كەتكۈزۈپ قويدى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا 3-1 نەتىجە بىلىيالار كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 40 مىنۇت بولغاندا سۇئارىز ياردەمچى پاس بەردى، مېسسى توپنى كىرگۈزدى. بارسېلونا 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
48 مىنۇت بولغاندا بىلىيالار كۇلۇبىدىن تېرىگىرۇس چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1-1 تەڭلەشتى.
50 مىنۇت بولغاندا يەنە سۇئارىز ياردەمچى پاس بەردى، ئىنىستا توپنى كىرگۈزدى. بارسېلونا 2-1 بولدى.
65 مىنۇت بولغاندا مېسسى بۇلۇڭ توپ چىقاردى، پىك كاللا توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 3-1 بولدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ياخشى بولغان مېسسى پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى 9.1 نومۇرغا ئېرىشتى.
بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-تېرستگىن
22-ئالۋېس.
3-پىك.
24-مارتىن
18-ئالبا.
14-ماسچىلانو.
12-رافىنىيا.
8-ئىنىستا.
10-مېسسى.
11-نېيمار.
9-سۇئارىز.
بىلىيالار كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار :
1-ئارسىنھۇ.
2-گاسپال.
5-مۇساگىئو.
15-لۇئىس.
18-ئاۋۇلمى كوستا.
6-جوناسون دوسسانتوس.
4-پىرنا.
21-بۇرۇنو.
17-چېرىشوف.
9-دوس سانتوس.
7-بىئوت
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved