ئامېرىكا لوس ئانژېلېس بالىلار دوختۇرخانىسى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كىلىنىكا مەركىزى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، %35 – %58 كىچە بولغان ساغلام ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەم بولىدىكەن. %50كە يېقىن ھامىلىدار ئايال قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ھامىلىدار ئاياللاردا تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار يادرو ماگنېت رېزونانىسلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆزىتىپ، ئانىنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارى بىلەن چوڭ مېڭە سۇر ماددىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر ماددىسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاندا، ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە سۇر ماددىسى پوستلاق قەۋىتىنىڭ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، ئەكسىچە تۆمۈر ماددىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاز بولغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە سۇر ماددىسىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماي، سەقەنقۇر بۈدرىسى (چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا مەسئۇل قىسمى)نىڭ ئىقتىدارى زەخىمگە ئۇچرايدىغانلىقى، ئېغىر بولغاندا كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىپ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى كېچىكىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved