يېقىندا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرى مەدەنىيەت يولى ئەتراپىدا بىر چوڭ ئارخېئولوگىيە مەيدانى بايقالدى. نەق مەيدان ئېتىۋېتىلگىنىگە خېلى كۈن بولغانىدى.
12-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لار ئەتراپىدا، مۇخبىر مەدەنىيەت يولى بىلەن يوۋشېڭ شىمالىي يولىدىكى خېنەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا بېرىپ، شەرقىي ۋە شىمالىي ئىشىكلەرنىڭ چىڭ ئېتىلگىنىنى، ئەتراپىنىڭ توسالغىنىنى كۆردى. مۇخبىر ئۇدۇل تەرەپتىكى 20 قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىغا چىقىپ، ئېگىزدىن خېنەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ چويلا توپ مەيدانىنىڭ قېزىۋېتىلگەنلىكىنى، نەق مەيداندا بىر ئىككىلا ئادەمنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كېيىن مۇخبىر جېڭجۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكىلەردىن ئارخېئولوگلارنىڭ خېنەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك تەتقىق قىلىپ، كاڭ، كونا قەبرە ۋە ساپال قاچىلارنى، يەنە ئاز مىقداردا ھايۋانات سۆڭىكى ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان بۇيۇملارنى بايقىغانلىقىنى ئىگەللىدى. بۇ قەدىمىي مىراسلارنىڭ ساقلانغان ۋاقتى شاڭ سۇلالىسى ئىكەن.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved