شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بىخەتەرلىك تارمىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسى ئاز دېگەندە 51 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە 70 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پارتلاش ۋەقەسى شىلا شەھىرىنىڭ شىمالىي كىرىش ئېغىزىدا يۈز بەرگەن. پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋەيران بولغان. قۇتقۇزۇغۇچى خادىملار ۋە ئەتراپتىكى ئامما يارىدارلارنى ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغان.
كېيىن رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراققا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، پەقەت 2- ئايدىلا ئىراقتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توقۇنۇشى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئاز دېگەندە 670 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 1290 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved