جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە 2015-يىلى بېريۇسېل پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى بىر جىنايەتچىنى تۇتقان ھەمدە كېيىن بېلگىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ئەمما بېلگىيە سەل قارىغان.
بېگلىيە ساقچىلىرى بېريۇسال ئايروپورتىنى پارتلاتقان 3 جىنايەت گۇماندارىنىڭ خالىد باكراۋۇئى، ئىبراھىم باكراۋۇئى ئاكا-ئۇكىلار ھەمدە 24 ياشلىق ناجىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ناجىم نىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكى دېيىلگەن ئىدى.
تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 23-مارت بېريۇسېل پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ 2015-يىلى 6-ئايدا بېريۇسېل تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى جىنايەتچى ئىبراھىم باكراۋۇئىنى تۇتقانلىقىنى ھەمدە بېلگىيەگە بۇ ئادەم تېررورچى دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، ئەمما بېلگىيە دائىرلىرىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا سەل قارىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ ئىبراھىمنى تۇتقاندىن كېيىن بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىبراھىم گوللاندىيەگە قايتۇرۇۋېتىشنى تاللىغان. ئەمما، بېلگىيە دائىرلىرى ئىبراھىمنىڭ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىللەشكە ئامالسىز بولغاچقا، گوللاندىيە دائىرلىرى ئۇنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن بېريۇسالغا قايتىپ كەتكەن.
تۈركىيە ئەمەلدارى بېلگىيەگە ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، ئىبراھىم ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇشى مۇمكىن دېگەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved