جاھان ئاگېنتلىقى 24-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بۇرۇندىدا بىر ئاي جەريانىدا سىياسىي كىرزىس پارتىلغان بولۇپ دۆلەتتىكى ئۆكتىچى رەھبەر زەدى فەرۇزى قۇراللىق سۇيقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇرۇندىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان «تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بىرلىك پارتىيىسى» رەھبىرى زەدى فەرۇزى قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە بۇرۇندى پايتەختى بۇجۇمبۇرادا سۇيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. يەنە باشقا بىر ئۆكتىچى رەھبەر ئاگازون رۋاسا، فەرۇزىنى كىمنىڭ قەستلىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ۋە فەرۇزىنىڭ پرزىدېنت نكۇرۇنزىزانىڭ ئۈچىنجى قېتىم پرېزىدېنت بولۇشىغا قارشى تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. بۇرۇندى پرېزىدېنت سارىيى بۇ سۇيقەستكە ئالاقىدار دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق خاتا قاراش ۋە گۇمانلارنى رەت قىلىپ، بۇ جىنايەت ۋەقەسىگە قايغۇرىدىغانلىقىنى ۋە جىنايەتچىنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇرۇندى پرېزىدېنتى نكۇرۇنزىزا ئىيۇن ئېيى ئاخىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىغا ئۈچىنجى قېتىم نامزات بولۇپ قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دۆلەتتىكى ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ نكۇرۇنزىزانىڭ قايتىدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا 20 دىن كۆپ كىشى ئۆلگەن. 13-ماي سابق باش شىتاب باشلىقى رەھبەرلىكىدە ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىش ئېلان قىلىنىپ، پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزانىڭ ئايرۇپىلانىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن پرېزىدېنت دۆلىتىگە كىرەلمەي تانزانىيەگە قايتىپ كەتكەن. ئەمما بۇرۇندىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش مەغلۇب بولغان. دۆلەتتىكى ئۆكتىچىلەر نكۇرۇنزىزانىڭ ئۈچىنجى قېتىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشىنىڭ ئاساسى قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ئەمما پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزا بۇ قارارىدىن قايتمىدى. بۇرۇندىدا 13 داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش 2005-يىلى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھازىرقى سىياسىي كىرزىس شۇنىڭدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىرزىس دەپ قارالماقتا. بۇرۇندىدا 110 مىڭدىن كۆپ كىشى دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن قورقۇپ قوشنا دۆلەتلەرگە قاچتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved