جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
120 مىڭ ياپونىيە پۇقراسى 30 -ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن توكيودىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ئامانلىقنى ساقلاش قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرۇپ، ئابې شىنزونىڭ تەختتىن چۈشۈش ۋە ئامانلىقنى ساقلاش قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىدى. بۇ يېقىندىن بۇيان ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئامانلىقنى ساقلاش قانۇن لايىھەسىگە قارشى يىغىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىغىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى، پارلامېنت بىناسى ئالدى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەر ئايال، چوڭ-كىچىكلەردىن تەشكىللەنگەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىن پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلدى، پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولى، ئاپتوموبىل يولى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى باغچىلار ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن تولدى. يىغلىشىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئىستاتېستىكا قىلىشىچە، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشىغا 120 مىڭ كىشى قاتناشقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved