كۆپلىگەن كىشى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشىنى دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامىتى ھەمدە بۇ خىل كېسەللىك قۇرامىغا يەتكەنلەردە كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوق، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ قېلىشىنى دىيابېت كېسىلىنىڭ بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى، قان شېكىرى ئۆرلەپ قالسىلا، بۇنى دىيابېت كېسىلى، دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. دىيابېت كېسىلى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈپلا قالماي بالىلار ئارىسىدىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىيالماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلار ئادەتتە سەككىز سائەت قېنىپ ئۇخلىشى كېرەك، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلاردا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ھەم يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved