نېگىرىيەدە ئىككى رايۇندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 29 كىشى ئۆلدى
جاھان ئاگېنتلىقى 27-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى بورنڭ ۋىلايىتىنىڭ بىيۇ رايۇنى بىلەن پلاتۇ ۋىلايىتىنىڭ جوس رايۇنىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 29 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
رايۇندىكى يەرلىك ئورتاق مۇداپىئە گۇرۇپىسىنىڭ باياناتچىسى جۇربىن گۇندا، ئىككى ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلاتقۇچىنىڭ بىيۇ رايۇنىدا بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ برىنىڭ ئۈستىدىكى بومبىنى پارتىلاتقانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ پارتىلىتالمىغانلىقنى ئېيتتى، بۇ قېتىملىق پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پلاتۇ ۋىلايىتىنىڭ جوس رايۇنىدا ئىككى بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. جوس كەنتىدە ياشايدىغان مۇخبىر ئاۋدۇ ئوناجنىڭ ئېيتىشىچە، پارتىلىتىشنىڭ بىرى باۋچى يولىدا ، يەنە بىرى جوبس ئۇنىۋېرستىتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش مەركىزىدىن ئابدۇسالام مۇھەممەد مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ھازىرغا قەدەر پارتىلاش يۈز بەرگەن ئورۇنغا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلارغا دائىر تەپسىلاتلارنى كېيىن ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھۆكۈمەت نىگىرىيە پۇقرالىرىنى بوكو ھەرەم تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
بوكو ھەرەم تەشكىلاتى
ئىسمى «غەربپەرەس مائارىپ ھارام» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ تەشكلات 2002 يىلى نېگىرىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى مايدۇگرىدا قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرى دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى باشقا رايۇنلارغىمۇ تېز تارقالغان. مەركىزى لوندوندىكى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئىستاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بوكو ھەرەم تەشكىلاتى ئاكتىپ پائالىيەتكە ئۆتكەن 2009-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 935 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇلاردىن 250 كىشى بۇ يىل ئىچىدە ئۆلتۈرۈلدى. تەشكىلات ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلىدۇ. ئۇلار ھۇجۇملىرىدا ئاساسلىقى بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە خىرىستىئانلارنى نىشان قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved