ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ تىنچلىقنى قوغداش

جۇڭگو دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى 25-سىنتەبىر خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارمىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 700 كىشىلىك بىر تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىنى سۇدانغا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى، بۇ جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىنى چەتئەللەرگە تىنچلىق ساقلاشقا ئەۋەتىشى.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسى ئۆزىنى قوغدايدىغان يېنىك قوراللار، بىرونە تىرانسپورت ماشىنىسى ۋە ئوقدىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، مۇداپىئە قالپىقى قاتارلىق جابدۇقلارنى ئېلىپ ماڭىدۇ، ئاساسلىقى پۇقرالارنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتچى خادىملىرىنى قوغداش شۇنداقلا چارىلاپ مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كونېكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقتى، رايون ۋە خادىم ئۈسكۈنە ساپلەش ئەھۋالى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن يەنىمۇ كېڭەشكەندىن كېيىن ئاندىن بېكىتىلىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ تىنچلىق ساقلاش پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىنى بىخەتەرلىك قىسمى ، ئەنئەنۋىي مەنىدىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ، بۇ دۆلەتتىكى قوراللىق توقۇنۇشقا بىۋاستە قاتناشمايدۇ دېدى.


بۇ پىيادە ئەسكەرلەر گازارمىسىنىڭ ئەۋەتىلىشى جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشىدا ئۈستىگە ئالغان زور مەسئۇلىيىتىنى، ئۇلارنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ ئىجابىي ۋە چوڭقۇر قاتناشقانلىقىنى يەنىمۇ نامايەن قىلدى، جۇڭگو 1990-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، تىنچلىق ساقلاش خادىمىنى ئەڭ كۆپ ئەۋەتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.


جۇڭگونىڭ بۇ جەسۇرانە ھەرىكىتى بەزى غەرپ ئەللىرى تاراتقۇلارىدا باشقىچە چۈشەندۈرۈلۈپ: جۇڭگونىڭ بۇنداق قىلشىدىكى مەقسىتى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئېنېرگيە تەمىناتىنى يەنىمۇ قوغداش دەپ قارالدى، شۇنداقتىمۇ ھەقىقىي سەمىمىلىك غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىغۋاسىنى بەربات قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن بولغان بولۇپ ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسمى رامكىسى ئىچىدە جەنۇبىي سۇداننىڭ تىنچلىقى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


بۇ يىل 7-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋىنىڭ ۋەكىلى مەخسۇس جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي سۇدانغا پىيادە ئەسكەر ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇڭگو جەنۇبىي سودانغا تەخمىنەن 360 نەپەر تىنچلىق ساقلاش خادىمى ئەۋەتكەن بولۇپ، ،بۇلار ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ۋە داۋالاش قاتالرىق جەھەتلەردىكى تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مەسئۇل ئىدى.


بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن مۇستەقىل بولغان جەنۇبىي سۇدان كەڭ كۆلەمدە ئىچكى ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈردى، تەخمىنەن 400 مىڭ كىشى ئاچارچىلىق ئازابىغا دۇچار بولدى، 1مىليون 500 مىڭ كىشى يۇرت ماكانى تاشلاپ چىقىپ كەتتى، بۇ سان پۈتكۈل دۆلەت خەلقى نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، جەنۇبىي سۇدان ئەڭ ياش دۆلەت شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك جاينىڭ بىرى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەت رايونى، نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي سۇداننى ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، سۈرىيە بىلەن ئوخشاش ئەڭ خەتەرلىك دەرىجىگە ئايرىدى.


نامراتلىق ئۇنىڭ ئۈسىتىگە مول نېفىت بايلىقى زاپىسى شەك شۆبىسىزكى ئۇرۇش مالىمانچىلىق مەنبەسىنىڭ بىرى، جەنۇبىي سۇنداننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۇنايت ئوبلاستى، جوڭلېي ئوبلاستى ۋە يۇقۇرى نىل دەرياسى ئوبلاستىدىن كېلىدۇ، بۇ جايلار ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر تالىشىدىغان جايلاغا ئايلانغان، جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتى نېفىت بايلىقىغا ھەددىدىن زىيادە تايانغان بولۇپ، نېفىت كىرىمى ھۆكۈمەت خامچوت كىرىمىنىڭ %95 نى ئىگەللەيدۇ، شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ئەگەر بۇ جايلار ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان بولسا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى توختايدۇ، ئىنسانپەرلىك ئاپىتىگە ئۇچراۋاتقان سۇدان خەلقىنى قاتمۇ قات ئازاپقا ئۇچرايدۇ، جەنۇبىي سۇدان نېفىتى چېگرىدىن ئۆتەردە نەپ ئېلىۋاتقان قوشنا دۆلەت سۇداننىڭ ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچرايدۇ.


شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇرۇش قىلىش قىسمى تۇرغۇزۇپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ نېفىت بايلىقىنى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئىقتىسادىي تومۇرىنى قوغداپ، بۇ ياش دۆلەتنىڭ توغرا بىر يولغا كىرىۋېلىشىغا ياردەم قىلىشقا مۇھتاج، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىسىدا، بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈسىتىگە ئالدى، بۇنىڭدىن مەقسەت توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىپ، بۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قايتا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش.


جۇڭگو مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان چوڭ دۆلەتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشماقتا، جۇڭگو ئافرىقا رايونىنىڭ تىنچلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا زوراۋانلىق، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ، نۆۋەتتە جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىچىدە تىنچلىق ساقلاش خادىمىنى ئەڭ كۆپ ئەۋەتكەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھازىرغا قەدەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقىدىكى 16 تۈرلۈك تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، نۆۋەتتە ئافرىقىدا جەمئىي 1800 دىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش خادىمى بار.


جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان پەيتتە غەرپ ئەللىرىنىڭ جۇڭگو ھەققىدە ھەرقىسما گەپ قىلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، ئۇلار دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدا ئۆز مەنپەئەتىگە چوغ تارتىۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار مۇشۇنداق قىلىۋەرسە باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek