دۇبەي يولۇچىلار ئايروپىلانى رۇسىيەدە چۈشۈپ كەتتى، 55 ئادەم قازا قىلدى

ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 19-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، روسىيەدە چۈشۈپ كەتكەن دۇبەي يولۇچىلار ئايروپىلاندىكى 55 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 19-چېسلا روسىيە چېگرىسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەن.

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 19-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، دۇبەيدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن بويىن تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ (Rostov) شەھىرىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلاندىكى 50 نەچچە كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى بەلكىم ئۇچۇش-قونۇش سۇپىسىنى كۆرۈش ئارىلىقى بەكلا ناچار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.روسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، چۈشۈپ كەتكەن مەزكۇر ئايروپىلان دۇبەي ئاۋىئاتسىيەسى (FlyDubai) گە

تەۋە بولۇپ، FZ981-نۆۋەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىكەن. مەزكۇر ئايروپىلان ئىككىنچى قېتىم قونماقچى بولغاندا ئۇچۇش-قونۇش سۇپىسىدىن 50-100 مېتىر يىراقلىققا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئايروپىلان قونماقچى بولغاندا كۆرۈش ئارىلىقى بەكلا ناچار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلاندا 55 ئادەم بار بولۇپ، بارلىق ئايروپىلان خادىملىرى ۋە يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاندا 59 ئادەم بار بولۇپ، جۇڭگولۇق يولۇچى بار-يوقلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوت كەتكەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
13-05-2016
        2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو–ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسى خۇسۇسىي كارخانىلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئىچىلدى، بۇ قېتىملىق يەرمەنكە ئ...
13-05-2016
     5-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرى يۈجىياڭ ناھىيىسىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا ئۈچ باشلىق ئوغۇل بالىنىڭ بېشى 4-قەۋەتتىكى ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش رىشاتكىسىغا قىسىلىپ قالغان بولۇپ، بالىنىڭ بەدىن...
13-05-2016
       2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىزاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللار ئىشخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى دىڭچىڭ ناھىيىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، دىڭچىڭ ناھىيىسىدىكى گات...
13-05-2016
        5-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى، يېقىنقى كۈنلەردە، كانادانىڭ غەربى قىسمىدىكى ئالبېرتا ئۆلكىسىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، كىچىك شەھەر مېكمۇرراي قورغىنى شىددەتلىك ئوتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئوت ئاپىتىدە ئىككى ...
12-05-2016
      جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 5- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 11 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە تەيۋەننىڭ يىلەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەيبېيدىمۇ كۈچلۈك تەۋرەش سىزىمى بولغان، تەۋرەش نەچچە 10 سىكونت دا...
12-05-2016
     خېنەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يىمىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.       خېنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئا...
12-05-2016
       ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئەر ئېد سۇتتۇن ۋېلىسىپىت مىنىپ تەخمىنەن 56 مىڭ 300 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ دۇنيا كەزگەن. ئۇ بۇ مۇساپىسىدە 44 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ...
12-05-2016
      كۇررىي NBA نىڭ داڭلىق ۋاسكېتبول چولپىنىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ قىزى ئوماق رىلېي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى «ئەڭ ئوماق تور چولپىنى» غا ئايلاندى. كۇر...
12-05-2016
        ماندانا كەرىمى ئىران تېھراندا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى رېزا كەرىمى ھىندىستانلىق، ئاپىسى سابا ئىرانلىق. ماندانا ئەڭ دەسلەپتە ئايرو خانقىز بولغان بولۇپ كېيىن مودېل بولۇشنى باشلىغان. 2010-يىلى بىرقانچە خەلقئارالىق ...
12-05-2016
        شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: چاڭشا، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چاڭشا شەھىرىدىكى مېيشى كۆلىگە جايلاشقان بۇرما شەكىللىك مەنزىرە سۇپىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى مەيدانى. يېقىندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تاماملانغان ...
Powered by Leglek