پەسىل قۇشلىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئېلىمىزدە قىشتىن ئۆتۈش ئەھۋالى ۋە سان ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەش، قۇش تۈرى بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە قۇشلارنى قىش پەسلىدە تەڭ قەدەمدە تەكشۈرۈش 8-يانۋار مەملىكەت تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇلدى.
دۆلەتلىك ئومانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەڭ قەدەمدە تەكشۈرۈش ۋاقتى 10 كۈن بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1000 دىن ئارتۇق سۇ قۇشلىرى مۇھىم ئورنى، تۇرنا، ياۋا غاز قاتارلىق 70 تۈرلۈكتىن ئارتۇق قۇش تەكشۈرىلىدىكەن. بۇنداق ياۋايى ھايۋانلار مەخسۇس بايلىقىنى تەڭ قەدەمدە تەكشۈرۈش ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلدى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە 2- قېتىملىق قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. قۇشلارنى تەڭ قەدەمدە تەكشۈرۈش- بىرلىككە كەلگەن تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تېخىكا ئۆلچىمى بويىچە، كۆپ ئادەم كۆپ يەردە ئوخشاش بولمىغان رايون ياكى ئوخشاش بىر رايوندىكى ئوخشاش بولمىغان جايدىكى قۇشلارنىڭ سانى، ئورنى ۋە مۇھىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە خاتىرلەپ مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved