لى كېچياڭ لوندونغا يېتىپ باردى

 گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ ئەنگلىيىنىڭ باش ۋەزىرى كامېروننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 16-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لوندونغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خوڭمۇ شۇ ئايروپىلاندا باردى.


لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاشنىڭ مۇھىم پۇرسىتىدە تۇرماقتا. مەن ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭى يول پىلانلاپ، يېڭى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى ئون يىلدا تىز سۈرەتتە ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتمەكتىمەن.


ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ ئايرودرومغا چىقىپ زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى كۈتۈۋالدى.
لى كېچياڭ زىيارەت مەزگىلىدە ئەنگلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنىچى بىلەن كۆرۈشىدۇ. كامېرون بىلەن ئىككى دۆلەت زوڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەنگلىيە ئەقىل ئىسكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. جۇڭگو ئەنگلىيە يەر شارى ئىقتىسادىي يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە جۇڭگو ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سانائەت قاتارلىق ساھەلىرىدىكى ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى.



خەتكۈچلەر:
18-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
25-04-2016
    ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەنىڭ «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، لوندون يەرشارىدىكى م...
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
Powered by Leglek