شىنلاڭ تەنتەربىيەسى: لەگلەك تورى تەرجىمىسى。
خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ھەقىقىتەن ئادەمنى چۈچىتىدۇ، تىرنىر ئەنچىلودى باشچىلىقىدىكى بۇ كوماندا ھازىر ئەڭ كۈچلغۈك ئوت كۈچى بىلەن كىتىۋاتماقتا، بۇ پەسلى دىكى مادىرىتنىڭ سان سىپىرلىرىغا قارايدىغان بولساق ،بۇ كوماندامەيلى ئىسپان بىرلەشمىدە بولسۇن ياكى ياۋۇرپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە بولسۇن دۇشمەنلىرىنى يەر چىشلىتىپ كەلمەكتە ، ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى بىرىنجىلىك ئورنى ،خانلىق لۇڭقىسىدىكى ياخشى ئىپادىسى ،شارىك 04 كوماندىسىنى يۇقرى نۇمۇر بىلەن يەڭگەندىكى ھەيۋىسىدىن مادىرتنىڭ بۇ يىل 3لۇڭقا ئىلىشىدىن ھىچكىممۇ گۇمان قىلماسلىقى مۇمكىن .
ماكا گىزىتىنىڭ تەھلىلىگە قارايدىغان بولساق بۇ قىتىمقى مادىرىت كوماندىسى ھەقىقىتەن ئادەمنىڭ قايللىقىنى قوزغايدۇ، كوماندىدىكى ئۈچ قىلچۋازنىڭ كۈچلۇك ئوت كۈچى(كىرىستىيانو رونالدو،بىل،بىنزىما)ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ بۇ پەسىل ئۇلار ھەردەرجىلىك مۇسابىقىلەردە ئاللاقاچان 70 توپ ئۇرۇپ بولدى .بۇ ياۋۇرپادىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇپپا ئۆزىنىڭ يۇقرى توپ ئۇرۇش سۈرئتى بىلەن پۇتكۈل كوماندىغا زور ھاياتى كۈچ ئاتا قىلماقتا .
مىھمان مەيداندا 6ـ1 زور پەرىق بىلەن گىرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۇك كوماندىسى شارىك 04 كوماندىسىنى يىڭىش مادىرىت كوماندىسىنىڭ ئاللاقاچان بىر پۇتىنى 8كۈچلۇك كوماندا قاتاردىن ئورۇن ئاغانلىقىدىن دىرەك بىردۇ، ئەمدى كىينكى رەقىپنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە تىخى نامەلۇم ،ماكا گىزىت ئەڭ يىڭى خەلىق راينى سىنىشىغا قارايدىغان بولساق 24پىرسەنىت مادىرىت مەستانىسى كىينكى رەقىبىنىڭ گىرمانىيەنىڭ يەنەبىر زەردار كۇلۇبى ،ئالدىنقى قىتىملىق چىمپىيۇن بايرىن مىيونخىن بولۇشىنى ئۆمۇت قىلىدىكەن ئۇلارنىڭ بۇداق قارشىدىكى سەۋەپ 2 يىل بۇرۇنقى يىرىم ھەل قىلغۇچتىكى قىساسىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىكەن . يەنە 21پىرسەنىت توپ مەستانىسى كىيكى رەقىبىنىڭ دورتىمىت كوماندىسى بولۇشىنى ئۆمۇت قىلىشىدىكەن . ئۇنىڭدىن كىينكىسى بولسا مورىنھو باشچىلىقىدىكى چىلسى كوماندىسى ھەم مادرىتىنىڭ ئەنئەنىۋى رەقىبى بارسىلونا كۇلۇبى ئىكەن .
مادىرىت مەستانىلىرى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى ،ئەنچىلودى باشچىلىقىدىكى بۇ كومانداھازىر ھىچكىمدىن قورقۇپ قالمايدۇ،2014-يلى مادىرىت ئوينىغان15 مەيدان مۇسابىقىدە 14قىتىم ئۇتۇپ 1 قىتىم تەڭلەشتى ، بۇ جەرياندا قاتىل ھۇجۇمچى رونالدۇ 3مەيدان چەكلەندى ، بىراق ئۇنىڭ چەكلىنىشى كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كورسەتمىدى .
بۇ يىل كىرگەندىكى ئوينالغان مەيدان مۇسابىقىدە مادىت كوماندىسى 22 توپ ئۇرۇپ پەقەت 3 توپ كەتكۈزۇپ قويدى راموس ،پى پى قاتارلىق مۇداپىيەچىلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرشى بىلەن ئارقا سەپ مۇداپىيەمۇ خلىلا ياخىشىلاندى ،
ب ب س گۇرپىسى بۇ پەسىل بىرلەشمە مۇسابىقە ئەمدى يىرىملاشقان ۋاقىتىىلا 70 توپلوق ئۆتكەلنى بوسۇپ ئۆتكەن بولۇپ بۇ ئۈچ خەنجەر ئايرىم ئايرىم ھالدا :رونالدو 36توپ (3مەيدان چەكلەنگەن ) بىنزىما 20توپ ، بىل 14 توپ ئۇرۇپ پۇتۇل ياۋرۇپانى تىتىرەتتى ، قىسقىسى بۇيىل خان جەمەتى مادىرتنىڭ 3 لۇڭقا ئىلىپ زەپەر قۇچىشىدا ئۆمۇت زور..
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved