ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالامدۇ؟

تۈركىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلىشى ئېنىق بولغان ئەردوغان 10-ئاۋغۇست كەچتىكى تەبرىكلەش مۇراسمىدا يېڭى تۈركىيە بەرپا قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.


تەھلىلچىلەر، سىياسىي سەھنىدىكى پېشقەدەم سەركەردە ئەردوغاننىڭ غەلبە قىلىشى بېكىتىلىپ بولدى، ئۇ ھاكىمىيەت تۇتۇش يولىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىمۇ لېكىن ئۇ بۇندىن كېيىنكى تۈركىيەگە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىنى قالدۇرىدۇ دەپ ھېسابلىدى.


تۈركىيە تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بېلەت سانىنى ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىرقى زۇڭلى، ھەققىيانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەردوغان 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېرىمدىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، زۇڭتۇڭلۇق تەختىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئولتۇرغان.


تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەردوغان زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدە 10 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇردى، سىياسىي سەھنىدىكى تەسىرىگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىقتىساد جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە قازاندى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى، شۇڭا ئۇ تۇنجى قېتىملىق سايلامدىلا غەلبە قىلالىدى.


2002-يىلدىن باشلاپ، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تۈركىيەدىكى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى مۇقىم بولغان كۆپ پارتىيەلەر ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىدى، ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۈركىيە ئاممىسىنىڭ مۇقىم سىياسىيغا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇردى. بۇ پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە، تۈركىيەدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيانقى سىياسىي مۇقىم بولغان، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان تارىخىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.


ئەردوغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن مالىيە كۈچى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. مەسىلەن، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئومۇملاشتۇردى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، خەلقكە نەپ يەتكۈزىدىغان داۋالىنىشقا كاپەتلىك قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى، نامراتلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزدى، داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەردوئان مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، ئۆزىگە ياخشى ئاساس تىكلىدى.

 

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەردوغاننىڭ خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب تۈركىيەدەك مۇسۇلمانلار كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغان دۆلەتتە، ئۇنىڭ ئىسلام دىنى تەشەببۇسى دۆلەت ئىچىدىكى ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ دىنىي خاھىشىغا ماس كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قوللايدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى.


ئۇزاقتىن بۇيان، ئەردوئاننىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ خاھىشىنى دۆلەتكە تاڭىدىغان ئىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ئاۋازلارمۇ ئۈزۈلمىدى، بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئەردوغان ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامنېت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭ تۈزۈمىگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. ھازىر تۇنجى قېتىملىق سايلامدىلا زۇڭتۇڭ بولغان ئەردوئاننىڭ ھەقىقىي ھوقۇقنى تۇتىدىغان زۇڭتۇڭ بولۇش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىدىن ھېچكىمۇ گۇمانلىنالمايدۇ.


لېكىن تەھلىلچىلەر ئەندىشە قىلىپ، ھوقۇقى تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ تەكەببۇر ئەردوغان تۈركىيەدىكى دىندىن خالىي تەرەپدارلار ۋە دىنىي كۈچلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىپ، سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دېدى.


تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئارمىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كەلگۈسىدە ئەردوئانغا بىر سىناق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
دىندىن خالىي ھاكىمىيەتنى قەتئىي قوللايدىغان تۈركىيە ئارمىيەسى تارىختا 3 قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان، ئەگەر ئەردوئان ھەقىقىي ھوقۇققا ئىگە زۇڭتۇڭ بولۇش جەريانىدا تۈركىيەدە داۋالغۇش بولسا، ئارمىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم ھاكىمىيەت تۇتىشىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.


بۇندىن باشقا، كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرىنى قانداق قورال تاشلاتقۇزۇش ۋە تۈركىيە جەمئىيىتىنى ئۇزاقتىن بېرى ئاۋارە قىلىۋاتقان كورد مىللىي بۆلگۈچىلىرى مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئەردوغان دۇچ كېلىدىغان يەنە بىر قىيىن مەسىلە.


ئەردوغان غەلبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا «تۈركىيە بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى بىر دەۋىرگە قەدەم قويىدۇ» دېدى. كەلگۈسىدە بۇ سىياسىي سەھنىدىكى پېشقەدەمنىڭ مۇرەككەپ بولغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۈركىيەنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek