11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەر قانداق قۇرۇقلۇق قىسىمىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان خەلقئارالىق ھەرىكەتكە قاتنىشىدىكەن.
ئۇنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىدە ئېيتىشىچە، بۇ خىلدىكى ئارىلىشىش ھەرىكىتىدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر چوقۇم قىسمەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلغان بىرلەشمە ھاۋا ھۇجۇمى ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى. ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قىسمەن رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش.
ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىر يىلدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىنمۇ يەنىلا يوقىمىدى، ھەمدە چەتئەلدە بىر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ. بۇ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قۇرۇقلۇققا كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان مۇراجىئەتمۇ بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ.
رۇسىيە 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىران نەچچە يۈز ئەسكەر ئەۋەتىپ سۈرىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى قوللىغان.
غەرب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈننى مەزھىپىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەنقىد قىلغۇچىلار رۇسىيەنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ۋە ئۆكتىچى قوراللىقلارنى قارىغا ئالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
گارگاش مۇنداق دېدى: بىز ھېچكىمنىڭ رۇسىيەنىڭ دائېشنى بومباردىمان قىلغانلىقى ياكى بازا تەشكىلاتىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئاچچىقلانمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، چۈنكى رۇسىيەنىڭ قارىغا ئالغىنى ئورتاق دۈشمەن. دائېش ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى قىسقارتىلمىسى.
گارگاش يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئارىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىك قىلغان يەمەن ئارىلىشىش ھەرىكىتىنى زاپاس تاللاش قىلسا بولىدىغانلىق تەكلىپىنى بەردى. يەمەندە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرەب دۆلەتلىرى قۇرۇقلۇق قىسىم ئەۋەتىپ ئىران قوللىغان ئۆكتىچى قوراللىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارادىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغان تەدبىر كۈچكە ئىگە ئەمەس، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved