چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى تېخى ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن ئەخمىدى بىر قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشكە باشلامچىلىق قىلىپ تالىبانلارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قەھرىمان» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. ئەمما تالىبان 2- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىككى پاي ئوق بىلەن بۇ ئون ياشلىق كىچىك قەھرىماننىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئەخمىدى (Wasil ahmad) نىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى مەدىھىيلىگەن ھەمدە چوڭ رازمىرلىق ساقچى كىيىمىنى ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى دەبىدەبىلىك بىلەن سۈرەتكە ئالغان، ئەمما ئۇنىڭ قىسىمدىن ئايرىلىپ تۆت ئاي ئۆتە ئۆتمەيلا بىر مەيدان قاباھەتكە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان ئىدى.
ئېگىلىنىشىچە، ئەخمىدى تىرىنكىرىد شەھىرىدە قەستكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ تۆت ئاي بۇرۇن قىسىمدىن چېكىنىپ قايتىدىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئەمدىلا تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ياكى تالىبان كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ ھىكايىسى ئافغانىستاندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كەچۈرمىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىكەن. ئافغانىستان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بەيدىرخان :«گەرچە ئافغانىستان زوڭتۇڭى گانى ئۆتكەن يىلىلا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئارمىيىگە كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشلىك ھوقۇقى كومىتېتى يەنىلا پاش قىلىش دوكلاتلىرىنى داۋاملىق تاپشۇرىۋالماقتا، بولۇپمۇ ئافغانىستان ئارمىيە ۋە ساقچى قىسىملىرىدا شۇنداق بولماقتا، تالىبانلار كونتروللىقىدىكى رايونلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ، يەنىلا ئۆسمۈر بالىلارنى قىسىمغا قوبۇل قىلماقتا» دېدى.
ئەخمىدى تۇغۇلغاندىن باشلاپلا قۇرالدىن ئايرىلالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاغىسى بۇرۇن تالىبانلار ئىچىدە باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، كېيىن ئەخمىدىنىڭ تاغىسى ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولغان، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى تەخمىنەن 70 نەپەردەك ھەربىي ساقچىغا كۇماندىرلىق قىلىش ۋەزىپىسىگە قويغان ئىكەن.
تالىبانلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە، ئەخمىدىنىڭ تاغىسى يارلانغان بولۇپ، ئەخمىدى كوماندىرلىق ۋەزىىپسىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ مۇھاسىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بۆسۈپ چىققان، ھەم شۇ سەۋەبلىك «ئافغانىستان قىسىمىدىكى كىچىك قەھرىمەن» بولۇپ ئاتالغان، كېيىن قىسىمدىن چېكىنىپ قايتىدىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved