دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-21-ئاپرېل پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. 21-ئاپرىلدىن 24-ئاپرىلغىچە ھىندىنوزىيەگە بىرىپ ئاسىيا-ئافرىقا باشلىقلىرى يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقنى خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلدىكى تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن پاكىستان بۇ يىلدىكى زىيارەتكە چىقىشنىڭ تۇنجى بىكىتى بۇلۇپ قالىدۇ؟
پاكىستان دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ بىرسى. پاكىستاننى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلدىكى زىيارەتكە چىقىشنىڭ باشلىنشى قىلىپ تاللىشى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلومات دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىدا مۇھىم ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇندا تۇردىغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان دۆلىتىمىزنىڭ«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شىمالى شىنجاڭ قەشقەردىن باشلىنىپ جەنۇبىي پاكىستاننىڭ گۋادال پورتىغىچە بولغان جۇڭگۇ-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى بولسا تۈمۈر يول، تاش يول، نىفىت-گاز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كارىدورى، ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. جۇڭگۇ-پاكىستان ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى كارىدورنىڭ قورۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. قۇرۇلۇش جەريانىدا چۇقۇم نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ. بۇ مەسىللەرنى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشقا مۇھتاج. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قىتىمقى زىيارىتى جۇڭگۇ-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېخمۇ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ غەربى بىلەن كەشمىر رايونى، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قوشنا. جۇڭگۇ پاكىستان ھەمكارلاشسا، تېرورچىلارغا زەربە بېرىپ، رايون تىنىچلىقى ۋە مۇقۇملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved