دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۆنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيەنىڭ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، جۇڭگو ياپونىيە كورىيە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۇنھى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ياپونىيە كورىيە باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پات ئارىدا جۇڭگو ياپونىيە كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كورىيە ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورىيە قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قۇيۇق ماسلىشىدۇ. ياپونىيەنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جۇڭگو ياپونىيە كورىيە ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىياتىغا ياخشى كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved