كورىيە ‹‹ مەركىزىي كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيەنىڭ سېئول شەھىرىدىكى بىر سودا سارايدا كورىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گۈلى باش تېما قىلىنغان كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ھەر يىلى ئالتىنچى ئاي كورىيەنىڭ ‹‹ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش ئېيى ›› بولۇپ ، بۇ كىيىم كۆرگەزمىسى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنىكەن .
كۆرگەزمىدە كورىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئۈچ يۈرۈش كىيىم ۋە دۆلەت گۈلىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتە يۈرۈش كىيىم كۆرگەزمە قىلىنغان . ئۇنىڭدىن سىرت ، كورىيە كوماندىسىنىڭ بۇ قېتملىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىششىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، يەنە پۇتبول سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرمۇ كۆرگەزمە قىلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved