شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 25-ئىيۇن، چىلى سانتىياگو، چىلى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى ئىتىراز بىلدۈرۈپ، زۇڭتۇڭ مىچېل باچىرىت رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى ئىسلاھات قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى، بىر ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 26-ئىيۇن، ئىران تېھران، ئىران خەلقئارا زەھەردىن چەكلەش كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 50 توننا زەھەرلىك بويۇمنى كۆيدۈردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئىيۇن، ۋېنېسۇئېلا كارىباكاس، ئونىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار زۇڭتۇڭ مادىروغا ئېتىراز بىلدۈردى ھەم بۇندىن بۇرۇن تۇتۇۋېلىنغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 22-ئىيۇن، ئىسپانىيەنىڭ Castrillo de Murcia شەھىرى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان « بوۋاق ئاتلاش بايرىمى»نى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ ئەنئەنىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 1620 يىل بولغان. ھەر يىلى موشۇ چاغدا ئالۋاستىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئەرلەر سېلىنچا ئۈستىگە ياتقۇزۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، بوۋاقلارنى قەبىھ روھلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 26-ئىيۇن، بېلورۇسىيەنىڭ مىنىسكى شەھىرىدە بىلورۇسىيە مۇستەقىللىق كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پارات رېپېتىتسىيى قىلىندى. ئىگىلىنىشچە، بېلارۇسىيە 3-ئىيۇل مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىكەن.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئىيۇن، ئىسپانىيە ۋارس، ئامما ئادەم مۇنارى ياساپ San Juan Midsummer بايرىمىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 26-ئىيۇن، ئەنگلىيە لوندون، چوڭ كەچۈرۈم خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ نامايىشچىلىرى مېكسىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىلىرىنى يالتىراق بىلەن ئوراپ، مېكسىكا ئارمىيەسىنىڭ Claudia Medina غا جازا ئېلىپ بارغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ بەدىنىنى يالتىراق بىلەن ئوراپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كۆك ئىزلىرىنى يىنىكلەتمەكچى بولدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئىيۇن، رۇسىيە موسكىۋا، ئۈچ ئەر سەمىرىپ كەتكەن بالىت ئارتىسلىرىدەك ياسىنىپ موسكۋا تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاققۇ كۆلى ئۇسسۇلىنى ئوينىماقتا ھەم كىشىلەرنى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسى ھەم ترانس ياغ كىسلاتاسىنى ھەدىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلىشنىڭ زىيىنىغا دېققەت قىلشنى مۇراجىئەت قىلدى
شۇ يەر ۋاقتى، 24-ئىيۇن، ھىندىنوزىيە كالىمانتان، بۇنداق كىچىك ئورانگوتاننىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق ئۆتكەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئەمما ئادەمنى خوشال قىلىدىغىنى ئۇلار ئاخىرى ئۇلارغا باش پاناھ بولىدىغان جاي ــ ياۋايى ھايۋانلار ساغلاملىق مەركىزىنى تاپتى. بۇ يەردە بۇ كىچىك جانىۋالار ئەركىن ياشايدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 26-ئىيۇن، مىسىر قاھىرە، مىسىرلىق ئۇسسۇلچى ئەنئەنىۋى كىيىپ رامىزان ئېيىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 28-ئىيۇن، ھىندىنوزىيەدىكى مۇسۇلمانلار رامزاننىڭ تۇنجى كۈنىنى كۈتۈۋالدى
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، تايلاند Li Fu Dan sai ، بۇ جايدىكى ئەرلەر شۇ يەردىكى «ئالۋاستى بايرىمى»ئۈچۈن پۈتۈن بەدىنىگە لاي-پاتقاق سۈركىگەن. ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئالۋاستى بايرىمى»دا، شۇ يەرلىك كىشلەر ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان «ئىلاھ»نى چاقىرىپ ئۆزلىرىنى قوغداشنى ئۆتىنىدۇ. كىشلەرنىڭ ھەممىسى بىشىغا ھەر خىل شەكىلدىكى نىقابلارنى تاقاپ «ئالۋاستى»غا ئوخشاش ياسىنىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئىيۇن، گىروزىيەنىڭ تبىلىس شەھىرىدە خانىم-قىزلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقان خانىم-قىزلار يەتتە سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاياغنى كىيىپ ، 50 مېتىرغا يۈگۈرەيدىكەن. كىم ئەڭ تېز پەللىگە يېتىپ بارسا، شۇ مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان بولىدىكەن.
لەگلەك تورى يوللانمىسى : لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved