ئۇكرائىنادىكى رۇسىيىگە سادىق بۆلگۈنچىلەر كونترول قىلىپ تۇرغان سىلافىياسكىغا يېقىن جايدا پارتلىغان ئۇرۇشتا ئاز دېگەندە 5 كىشى ئېتىپ تاشلانغان بولۇپ، ئەسلىدىلا ئاجىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان جەنۋە كېلىشىمىنى يەنىمۇ تەۋرەتكەن. بۇ كېلىشىمدە ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ چوڭ دائىرىدە توقۇنۇش ئىچىگە كېرىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش باش مەقسەت قىلىنغان ئىدى.
رۇسىيىگە سادىق قۇراللىق خادىملار بۈگۈنكىچە شەرقىي قىسىم رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدىن چېكىنمىگەن، بىراق كىيېۋ پاسخا بايرىمى مەزگىلىدە بۆلگۈنچىلەرگە قارتا ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا ياراشتۇرغۇچى خادىملار ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمغا بېرىپ ئۇلارنى قۇرال تاشلاشقا نەسىھەت قىلغانلىقتىن كرىزىسدە بىر ئاز پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. بىراق سىلافىياسكىغا يېقىن جايدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەربابلارنى كىيېۋ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنمەسلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved