يەمەندە ھۇسىيلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى

جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغانلىقىنى جاكارلىدى، يەمەن تەرەپتىن ئېتىلغان بىر راكىتا سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا چۈشتى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپئە مىنىسىتىرلىكى ، يەمەن تەرەپتىن ئېتىلغان بىر راكىتانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەردە، «سەئ‍ۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش مەقسىتىدىكى ئۇرۇش توختىتىشتا داۋاملىق سەۋىرلىك بولۇپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز، يەمەنگە ياردەم بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ئىككى ھەسسىلەپ ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يەمەندە بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۇنجى كۈنىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى يەمەنگە 450 مىليون دوللارلىق ياردەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان 18-ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەنگە جىددىي ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان 274 مىليون دوللارنىڭ ھەممىسىنى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ب د ت ئىنساني ياردەم ئاگېنتلىقى باياناتچىسى جېنس لىرك تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، « يەمەنگە ھەدىيە قىلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىدىغان پىلانلىرى ۋە پىلانلارنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بېكىتىلدى، ئەمما مەبلەغ تېخىچە تاپشۇرۇلمىدى» دىگەن.
قاتارنىڭ جىبۇتىدىكى باش ئەلچىسى جاسىم ئىبنى جابىر جاسىم سۇرۇر، قاتارنىڭ يەمەنگە بېرىدىغان بارلىق ياردىمىنىڭ يۈزدە 25% نى جىبۇتىدىكى يەمەنلىك مۇساپىرلارغا بېرىدىغانلىقىنى، قالغان 75% نى ئەدەن رايۇنىغا دېڭىز ئارقىلىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاسىم سۇرۇر، قاتارنىڭ يەمەنگە يەتكۈزىدىغان يىمەكلىكلەرنى جىبۇتىدىكى ب د ت مەركىزىگە يەتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى، ياردەمنىڭ 4 ئايرۇپىلان بىلەن يۆتكىلىدىغانلىقىنى، 240 توننا يىمەكلىكنىڭ شۇئاندا ئىككى ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



14-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇككېتوف تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: يېڭى نامزاتقا ئادىل بولغان يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 7-ئىيۇن كېلەر ...
12-05-2016
     چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 8- مايدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئون شۇ كۈنى ئېچىلغان ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن نا...
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
Powered by Leglek