ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى موناكو كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى يۇۋىنتىس كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى كوماندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. يۇۋىنتۇس كۇلۇبى ئومۇمىي نومۇردا 1-0 نەتىجە بىلەن موناكو كۇلۇبىنى شاللىۋىتىپ 12 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق ھالدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىردى.
ئىككى كوماندا بۇنىڭدىن بۇرۇن 3 قېتىم مۇسابىقىلىشىپ باققان. ئۇ 1997-98 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۇلۇپ يۇۋىنتىس كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 4-1 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن موناكو كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ مېھمان مەيدان مەيداندا 2-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئاخىرىدا ئومۇمىي نومۇردا 6-4 نەتىجە بىلەن موناكو كوماندىسىنى شاللىۋىتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىدايۇۋىنتىس كۇلۇبى بىدالنىڭ نۇقتا توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ساھىبخان مەيداندا 1-0 نەتىجە موناكو كۇلۇىنى مەغلۇپ قىلدى. ياۋروپا مۇسابىقىسى تارىخىدا يۇۋىنتۇس جەمئىي 23 قېتىم فىرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندىغا ئۇچراپ باققان بۇلۇپ 14 مەيدام ئۇتۇپ 4 مەيدان تەڭلىشىپ 5 مەيدان ئۇتتۇرغان. جەمئىي 42 توپ كىرگۈزۈپ 22 توپ كەتكۈزگەن. مېھمان مەيداندا ئوينىغان توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە 3 مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ 5 مەيدان ئۇتتۇرغان.
موناكۇ كۇلۇبى بولسا 11 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كومادىغا ئۇچراپ باققان بۇلۇپ 3 مەيدان ئۇتۇپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ 6 مەيدان ئۇتتۇرغان. ساھىبخان مەيداندىكى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved