پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئومان دۆلەت كوماندىسى بىلەن بولغان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى سىدنىينىڭ كامبۇل بازىرى توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۈگۈن سىدنىينىڭ تېمپۇراتۇرىسى 30 سېلتسىيە گىرادۇسقا يەتكەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى 4-1 نەتىجە بىلەن ئومان دۆلەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ 2015-يىلىنى غەلبە بىلەن باشلىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار بەلكىم جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئاساسلىق ئەزالىرى قىلىپ بىكىتىلىشى مۇمكىن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى رەقىبىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەستەن كىيىم نۇمۇرىنى قالايمىقان قىلىۋالغان. شۇڭا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلارنىڭ كىيىم نۇمۇرى پەقەت بىر قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلانغان.
مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە خاتالىق يۈز بەردى. ئومان دۆلەت كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ئەزاسى يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى قايتارما ھۇجۇمنى باشلىغان بولسىمۇ بىراق ياخشى بولغان نومۇر ئېلىش پۇرسىتى يارىتالمىدى.
30 مىنۇت بولغاندا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاز كۆرىلىدىغان ئىش يۈز بەردى. سىدنىينىڭ ھاۋاسى بەك ئىسسىق بولغاچقا مۇسابىقە ۋاقتىنچە توختىتىلىپ ئىككى تەرەپ توپچىلىرى مەيدان قىرغىقىغا كېلىپ سۇ ئىچىۋېلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسى ئىزچىل ھالدا ئومان كوماندىسى ئۈستىدىن بېسىپلا كەلدى. 45 مىنۇت بولغاندا جى شىياڭ چىرايلىق پاس بەردى. گاۋ جۈنمىن توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزۈپ نومۇرنى 1-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. بىر مىنڭت ئۆتكەندىن ېيىن گاۋ جۈنمىن چىرايلىق پاس تاشلىدى. يۈ خەي توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزۈپ نومۇرنى 2-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلاندى. 64 مىنۇت بولغاندا يۈ خەي باشلىغان بۇلۇڭ توپ ۋاراتار ئادىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. ۋۇ لېي ۋاراتار ئالدىدا توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. 67 مىنۇت بولغاندا مۇسابىقە يەنە ۋاقتىنچە توختىتىلدى.جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى بىراقلا تۆت ئادەم ئالماشتۇردى.
78 مىنۇت بولغاندا جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى نومۇر پەرقىنى يەنە چوڭايتتى. يۈ خەنچاۋ سول تەرەپتىن بۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن توپنى ئتتۇرا يولدىن ئەگىشىپ كىرگەن ياڭ شۈ گە پاس بەردى. ياڭ شۈ توپنى كىرگۈزدى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى 4-1 نەيىجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەپ بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. نەتىجە 4-1 بىلەن ئاخىرلاشتى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيىدىغىنى بۇ مەيدان مۇسابىقە جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى. 6 كۈندىن كېيىن ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. بىز دۆلىتىمىز كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىنى تىلەيمىز.
جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار : ۋاڭ دالېي. جىياڭ جىپېڭ. رېن خاڭ. جاڭ لىنفەن. جاڭ چېڭدوڭ. جېڭ جى. ۋۇ شى. گاۋ جۈنمىن. ۋۇ لېي. جى شىياڭ. يۈ خەي.
مەيدانغا چىققان زاپاس ئەزالار : مېي فاڭ. سەي خۇيكاڭ. يۈ خەنچاۋ. لىيۇ بىن بىن.
خاۋ لىن. ياڭ شۈ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved