ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 19 – ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 18 – ئاۋغۇست بىر جۈپ ياش ئاشىق – مەشۇق قوللىرىنى تۇتۇشۇپ، رېلىسقا يۈگۈرۈپ كىرىپ، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان پويىزغا سوقۇلۇپ ئۆلۈۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ 15 ياشلىق قىزچان چارلى دىسبەرى بىلەن 18 ياشلىق تۈركىيەلىك يىگىت مېرت كارائوگلان بولۇپ، ئۇلار خېرتز ۋۇد ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىكەن، كېيىن ئىككىسى بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قىلغان. بىراق مەدەنىيەت پەرقى سەۋەبلىك بىرگە بولالمىغانلىقتىن، ئاخىرى ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلغان.
سوت مەھكىسىمىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، مېرتنىڭ ئائىلە شارائىتى سەۋەبلىك، ئىككىسى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلۈۋېلىشنى قارار قىلغان. لېكىن ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىنىڭ باشقىلارغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە سەل قارىغان، مەسىلەن: ھەسرەتتە قالغان ئاتا – ئانىلىرى، دوستلىرى، بىچارە پويىز شوپۇرى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved