5000 ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىلدى

    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدىكى ئەرنىڭ قىلمىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ماشىنىدا ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان «سىگنال تارقاتقۇ» دىن ئۈچنى، سۆزلىشىش ئۈسكۈنىسىدىن ئۈچنى، يانفوندىن يەتتە تال ۋە بىر قانچە بانكا كارتىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

       تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، جىنايەت گۇماندارى مېڭ X بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2014-يىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشىغا ياردەم قىلىش نامىدا قاختى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن توردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇنلىقى ئاشكارىلاندى. مېڭ X ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل ئىشسىز بولۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇ سىمسىز سىگنال تارقاتقۇدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەملىكەتنىڭ خېنەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق كۆپ شەھەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ دېلولارغا چېتىشلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشىدىكەن.

     2015-يىلى 12-ئايدا، مېڭ X توردا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم جايدا كەسپي ئورگانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمتىھانى بارلىقىىدن خەۋەر تېپىپ گەنسۇغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خېنەنلىك يۇرتدىشى ياڭ X بىلەن ئالاقىلاشقان. ئىككەيلەن ئاۋۋال شۇ جايغا يېتىپ كېلىپ تەشۋىقات ۋارىقىنى ھەر جايلارغا تارقاتقان، نەتىجىدە 16 نەپەر ئىمتىھانغا تىزىملاتقان كىشى مېڭ X بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغان. سۈرەتتە مەزكۇر «كەسپ مۇلازىمىتى» نىڭ تەشۋىقات ۋارىقى.

      كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن مېڭ X توردىن ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا كېتىدىغان سىگنال قوبۇللىغۇچ، سىگنال تارقاتقۇ ىاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغان. 13-يانۋار ئىككەيلەن شىئەنگە قايتىپ كېلىپ سىگنالنى سىناش جەريانىدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سۈرەتتە جىنايەت گۇماندارى ئىجارە ئۆيىدىكى زور تۈركۈمدىكى جىنايەت سادىر قىلىش بۇيۇملىرى.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
14-01-2016
     يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەملىكەت مىقياسىدا ئاۋام بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹‹قىزىق نۇقتا›› مەسىلىسىگە ئايل...
Powered by Leglek