كۇچا ناھىيەسىدە «ئىستېمالنى قوزغىتىپ، سودىدا سەمىمىي بولۇش» تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
«15-مارت» ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىك ئورنى قاتارلىق 15 ئىدارە–ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار ئەترەتلىرى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 15-مارت كۈسەن مەدەنىيەت مەيدانىدا «ئىستېمالنى قوزغىتىپ، سودىدا سەمىمىي بولۇش» ئاساسىي تېمىسىدا تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.