ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا تاشبۇلاق ئالدى كوچىسى بىلەن تاشبۇلاق ئارقا كوچىسىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرى تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى ئابابەكرى ئابدۇكېرىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تاشبۇلاق ئالدى كوچىسى شىمالدىن جەنۇبقا تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈشى ھەم يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە توختىشى چەكلىنىدىكەن؛ تاشبۇلاق ئارقا كوچىسى(تاشبۇلاق ئالدى كوچىسىدىن ئارقا بۇلاق يولى ئوتتۇرىسىدىكى يول بۆلىكى) شىمالدىن جەنۇبقا تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا يۈرۈشى ھەم يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە توختىشى چەكلىنىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved