راك كېسىلى جانغا زامىن بولىدىغان قاتىللارنىڭ بىرى. گەرچە يىمەكلىك تەڭپۇڭلىقى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما ئالىملار كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن كېيىن، بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئەڭ گەۋدىلىك ئۈنۈمى بارلىقىنى بايقىغان.
1.سامساق
سامساق ئەڭ ئۈنۈملۈك راكقا قارشى يىمەكلىك بۇلۇپ، بۇلۇپمۇ تېرە راكى، ئۈچەي راكى ۋە ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ئەڭ گەۋدىلىك.
2. ئاپلېېسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر
تەتقىق قىلىپ بايقىلىشىچە، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يېرىمىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
3.زىغىر
زىغىر ئۇرۇقى تەركىبىدىكى لىگنان ئوكسىدلىنىشقا قارشى ۋە راكقا ئۆزگىرىشنى تىزگىنلەش رولىغا ئىگە،شۇنداقلا زىغىر تەركىبىدە مول بولغان ئومىگا 3ياغ كىسلاتاسىنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىغا قارشى تۇرۇش رولى بار.
4.يېشىل چاي
تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىنىشىچە، يېشىل چاي بوغماق ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، سۈت بېزى راكى ۋە مەزى بېزى راكى قاتارلىق بىر نەچچە خىل راك كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئاستىلىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
5. يېشىل رەڭلىك كۆكتات
قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كارتېنوئىد بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بۇلۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكالنى يوقىتىپ، راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
6.بۆلجۈرگەن تۈرىدىكى مىۋىلەر
كۆك بۆلجۈرگەن، بۆلجۈرگەن، مالىنا قاتارلىقلار تەركىبىدە نۇرغۇن راكقا قارشى تەركىپلەر بار بۇلۇپ، كۆپ قىسىم راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
7.سالمون بېلىقى
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سالمون بېلىقى قاتارلىق بېلىقلارنىڭ راكقا قارشى ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى. لېكىن، مايدا پىشۇرماي، ئەڭ ياخشىسى دۈملەپ پىشۇرۇش ياكى كاۋاپ قىلىش كېرەك.
8.پەمىدۇر
پەمىدۇر تەركىبىدە داڭلىق پەمىدۇر قىزىل ماددىسى بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەزى بېزى راكى، سۈت بېزى راكى، ئۆپكە راكى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان. پەمىدۇر قىزىل ماددىسىنى تېخىمۇ كۆپ قىلىشتا، ئەڭ ياخشىسى پىشۇرۇپ يېيىش، خام يىمەسلىك لازىم.
9. قىزىل ھاراق
قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى رېسۋېراتول بىر خىل ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بۇلۇپ، ھۈجەيرىنىڭ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق قىزىل ھاراق ئىچكەندە مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى پەقەت بىر كىچىك ئىستاكان ئىچىش لازىم.
10. پۈتۈن دانلىق زىرائەت
پۈتۈن دانلىق زىرائەت تەركىبىدە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىۋ ۋە يېمەكلىك تالاسى راك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەڭ ياخشىسى، ئاساسلىق تاماقنىڭ 3 / 1ى قارا ئاشلىق بولىشى كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved