ئۈرۈمچى شەھىرى 2 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ، %95تىن كۆپرەك ئاھالە كەپە مەھەللىنى ئۆزگەرتىشنى قوللىدى
ۋاڭ دۇڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەپە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە جەمئىي 2 مىليارد يۈەن ئاجراتقان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 818 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹12 – بەش يىل››دا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆيى چېقىلغان ۋە كۆچۈرۈلگەن 62 مىڭ 400 ئائىلە، 200 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كەپە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر تەڭرىتاغ رايونىدىكى شوربۇلاق 3 – كوچىسى، بۇلاقتاغ رايونىدىكى شەرقىي يېڭى دېموكراتىيە كوچىسى قاتارلىق جايلاردىكى 15 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى، يېڭىدىن 6102 يۈرۈش ئۆي سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ 38 يۈرۈشى ئېگىز قەۋەتلىك بىنا، 16 يۈرۈشى كۆپ قەۋەتلىك بىنا، قۇرۇلۇش كۆلىمى 812 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، يىللىق قۇرۇلۇش باشلاش پىلانى %136.4 ئورۇندالدى. تەڭرىتاغ رايونى بۇلاقبېشى كوچىسى قاتارلىق جايلاردىكى 36 داۋاملاشما تۈر قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش ئەسلىگە كەلدى، 142 يۈرۈش ئېگىز قەۋەتلىك بىنا، 44 يۈرۈش كۆپ قەۋەتلىك بىنا سېلىنىدۇ، جەمئىي 18 مىڭ 574 يۈرۈش ئۆي بار، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 613 مىڭ 900 كىۋادرات مېتىر.
پېنسىيەگە چىققان ئىشچى مەمەت مىجىت يېقىندا خوتۇنى بىلەن تەڭرىتاغ ‹‹جيايۈەن›› مەھەللىسىدە سەگىدەپ ئولتۇراتتى. ئۇ خۇشال ھالدا: ‹‹كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش توختامىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، شۇ ھامان يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچى قولۇمغا تەگدى›› دېدى. تەڭرىتاغ رايونلۇق كەپە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىرئەلى: كەپە مەھەللىلەردىكى %95تىن كۆپرەك ئاھالە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، دېدى.
زۆھرەگۈل تاشبۇلاق تارماق رايونىدا ئولتۇرىدۇ، كىرىمى تۆۋەن، ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى، ئۆزلىرى سېلىۋالغان كەپە ئۆينىڭ كۆلىمى 35.17 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كىنىشكىسىز قۇرۇلۇش ئىدى. ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت يېرىگە سېلىنغان كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۆيلەرنى قايتۇرىۋېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنى يولغا قويۇش تەپسلىي پرىنسىپى››غا ئاساسەن، زۆھرەگۈلنىڭ كەپە ئۆيىنىڭ ئۆي – مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بولمىسىمۇ، كەپە ئۆينى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، زۆھرەگۈل ئەسلىدىكى ئۆيى بىلەن ئوخشاش كۆلەمدىكى يېڭى ئۆيگە ھەقسىز ئېرىشسىمۇ، لېكىن ئاشقان كۆلەمنى سېتىۋالىدىغان پۇلى يوق ئىدى. تەڭرىتاغ رايونلۇق كەپە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، سىياسەتنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.
زۆھرەگۈل 2013 – يىل 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى نومۇر تارتىش ئارقىلىق تاشبۇلاق تارماق رايونى ‹‹قۇياش نۇرى مەھەللىسى›› 2 – قارار(تەڭرىتاغ جيايۈەن مەھەللىسى)غا سېلىنغان ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىكى كۆلىمى 68.17 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر يۈرۈش ئۆيگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق زۆھرەگۈلنىڭ ئەسلىدىكى كەپە ئۆيىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن 35.03 كىۋادرات مېتىر كۆلەم ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىدىن تەڭرىتاغ رايونلۇق كەپە مەھەللىلەرنى كۆچۈرۈش – چېقىش، ئۆزگەرتىش ئىشخانىسى بىلەن زۆھرەگۈل بىرلىكتە بەھرىمەن بولىدىغان، زۆھرەگۈل 24 ئاي ئىچىدە ئۆينىڭ پۇلىنى تولۇق تۆلەپ بولسا، 35.03 كىۋادرات مېتىرمۇ زۆھرەگۈلنىڭ ئىگىدارلىقىغا ئۆتىدىغان بولۇپ كېلىشتى.
شىرئەلى: مېيىپلەر، 65 ياشتىن ئاشقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، جان سانى كۆپ ئائىلىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى 1:1.5كە يەتكۈزدۇق، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، مېيىپلەر ئائىلىلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە كۆچۈرۈش – چېقىش مۇكاپات پۇلى بەردۇق، دېدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرى يېڭى تاۋار ئۆي ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئۆي قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ئۈستىگە ئالغان، خوجىلىق باشقۇرۇش ئىشلىرىنىمۇ بۇ ئىككى شىركەت ئۈستىگە ئالغان، مۇشۇنداق بولغاندا ئاھالىمۇ، كارخانىمۇ نەپ ئالالايدۇ (كۆچۈرۈلگەن ئاھالە ئازراق پۇل خەجلەيدۇ، كارخانا تەننەرخكە كاپالەتلىك قىلىپ ئازراق پايدا ئالالايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، 933 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسى سەپلىنىدۇ، 93 مەھەللىدە ئىشخانا ئۆيى سېلىنىدۇ، جامائەت مۇلازىمەت ھەققىنى قامداش ئۈچۈن، يانداش سېلىنغان سودا ئەسلىھەسى ۋە كوچىغا قارايدىغان دوكانلار ئىجارىگە بېرىلىدۇ؛ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئائىلىلەر خوجىلىق ھەققى، يېقىلغۇ ھەققىنى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە تاپشۇرىدۇ.
‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2013 – 2017 – يىللىق كەپە مەھەللىلەر(شەھەردىكى كەنت، خەتەرلىك ئۆيلەر)نى ئۆزگەرتىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمەت لايىھەسى››گە ئاساسەن، كېيىنكى بەش يىلدا تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونىدىن ئىبارەت تۆت مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى 234 كەپە مەھەللىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدە يەنە 62 مىڭ 400 ئائىلە، 200 مىڭدىن كۆپرەك نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، جەمئىي 29 مىليارد 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved