لىۋان زۇڭلىسى سالام بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى كاگ تۈنۈگۈن بىيرۇتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ لىۋانغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۆپەيتىپ، سۇرىيە مۇساپىلىرىنىڭ لىۋانغا ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرىنى يەڭگىللىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
سالام شۇ كۈنى سۇرىيە مۇساپىرىلىرى كىرزىسىنىڭ لىۋاننىڭ 2016-يىلى يولغا قويۇلىدىغان پىلانىنى باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇرىيە مۇساپىرىلىرى كىرزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، لىۋاننىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى تېخىمۇ ئاجىز، ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر لىۋانغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۆپەيتىشى كېرەك.
سالام مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇرىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى سۇرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىپ، كىرىزىسنى ھەل قىلىپ، مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا داغدام يول ئېچىش.
كاگ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ياردەمگە ئېھىتياجلىق لىۋانلىقلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىدە رويىخەتكە ئېلىنغان سۇرىيە مۇساپىرلىرى ھەمدە سۇرىيەدىن لىۋانغا قېچىپ بېرىۋالغان پەلەستىن مۇساپىرلىرىدىن بولۇپ بىر مىليون 200 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved