بىر ئائىلىدە بىر بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئاتا-ئانىلارغا، چوڭلارغا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە، بالىغا ئەگىشىپ «بالا» مۇ بىللە كېلىدۇ. ئۇلار بىردەم كېچىسى يىغلاپ، ئۆينى ئالەم-مالەم قىلسا، كۈندۈزى ئۆينى ئەخلەت قىلىدۇ، قولىغا چىققاننى چاقىدۇ ياكى بولمىسا خالىغان يەرگە تەرەت قىلىپ، سىزنى بىردەممۇ ئارام ئالغىلى قويمايدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلىق مېھرى يەنىلا بىزنى سەۋرچان بولۇشقا، ئۇلارنىڭ تاتلىق كۈلكىسىگە جۆر بولۇپ، ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلايدۇ، ئەلۋەتتە بىزمۇ ئۆزىمىز بۇنىڭغا خۇشتار. ئۇنداقتا سوراپ باقسام، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمۇ شۇنداق كەپسىزلىرىڭىز بارمۇ؟ سىز ئاشۇ كەپسىزلىرىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى كەپسىز چاغلىرىڭىزنى سېغىنامسىز؟ ئاشۇ غەمسىز ۋاقىتلىرىڭىزغا قايتىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، بىز چەتئەللىك ئاشۇ كەپسىزلەرنىڭ، بالىلارنىڭ «بالا» سىغا قاراپ باقايلى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved