چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە تاتسىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى گېتلىر ھايات ۋاقتىدا ئىزچىل «نامراتلىقىدىن قاقشىغان»، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ يېنىدا بىر سېنتمۇ پۇل يوق ئىكەن. بىراق ئەڭ يېڭى ئاشكارىلانغان تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېتلىر شىۋېتسارىيە بانكىسىغا نۇرغۇن بايلىق يوشۇرۇپ قويغان بولۇپ، تەخمىنەن ھازىرقى 3.6 مىليارد فوندستېرلىڭغا باراۋەر كېلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېتلىر ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ غايەت زور بايلىقى ۋە نۇرغۇن ئەدەبىيات سەنئەت بۇيۇملىرى ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان. تارىخشۇناسلار يېقىندا گېتلىر بىلەن ئالاقىسى بار پۇل ئامانەت ھۆججىتى ۋە باج تاپشۇرۇش خاتىرىسىنى تېپىۋېلىپ، ئۇنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى بىر نەچچە بانكىغا 1.1 مىليارد ماركلىق بايلىقنى ساقلاپ قويغانلىقى، بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ھازىرقى 3.6 مىليارد فوندستېرلىڭغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
گېتلىر ھايات ۋاقتىدا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ كىرىمى بەك ئاز بولۇپ، ھەتتا بانكا ھېسابات نومۇرىمۇ يوق ئىكەن، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئوتتۇرا قاتلامدىكى بۇرژۇئازلاردەك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىراق تارىخشۇناسلار مۇنداق دېدى، گېتلىر پۇلغا بەكمۇ ئامراق ئادەم، ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «مېنىڭ كۈرەش تارىخىم» نى سېتىۋېلىپ، گېرمانىيەدىكى بارلىق ئەر ئاياللارغا ھەدىيە قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، مۇشۇ بىر تۈردىلا ئۇ نۇرغۇن كىرىم قىلغان. گېتلىر يەنە ئۆزىنىڭ ئوبراز ھوقۇقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ باش سۈرىتى بېسىلغان ماركىلاردىن ھەق ئالغان.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved