دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ سۈپەتسىز مەھسۇلاتتىن 400دىن ئارتۇقنى تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، جىڭدوڭ، تيەنماۋ، 1-نومۇرلۇق دۇكان قاتارلىق دۇكانلاردا سېتىلغان «ساختا يىپەك يوتقان» قاتارلىق بەش تىپىك دېلو پاش قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، جياڭسۇ جېيېشياڭ مامۇق چەكلىك شىركىتى «تيەنماۋ سودا شەھەرچىسى» ۋە «جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى» قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ ساختا يىپەك يوتقاننى ساتقان؛ سۇجۇ شۈنچى توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىمۇ «1-نومۇرلۇق دۇكان» ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ لاياقەتسىز يىپەك يوتقاننى ساتقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەش تىپىك دېلونىڭ ئىچىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇن نۆۋەتتە سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved