ھىندىستان زۇڭلىسى مودى 29-، 30-سىنتەبىر ئامېرىكىدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ مودىنىڭ ھىندىستان خەلق پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ بۇ يىل 5-ئايدا سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن بۇيان ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2005-يىلى گۇجارات شىتاتىنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى مودى ھىندى دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلىرى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋەقەسىنى يېتەرلىك توسىمىدى، دەپ ئەيىبلەنگەنلىكتىن، ئامېرىكا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى مودى ھىندىستاننىڭ يېڭى زۇڭلى نامزاتى بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاندىن ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىشىغا قويغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved