ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 25- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە ، ‹‹ مۇز چېلەك مۇسابىقىسى ›› پۈتۈن يەر شارىدا ئەۋج ئالغاندىن كېيىن ، كىشىلەر بۇ خىل يېڭىچە شەكىلدىكى خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى تونۇشقا باشلىدى . ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجاۋاتقان غەززەدىكى مۇساپىرلار كىشىلەرنى بۇ رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ‹‹ مۇز چېلەك مۇسابىقىسى ›› ئېلىپ بارغان .
ئىگىلىنىشىچە ، غەززە رايونىدا سۇ كەمچلىك بولغاچقا، ‹‹ مۇز چېلەك مۇسابىقىسى ›› دە سۇنىڭ ئورنىغا شېغىل ئىشىلتىلگەن . يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقالغان سۈرەتلەردە ، غەززە رايونىدا بىر ئەرنىڭ بىر چېلەك شېغىلنى بېشىدىن قۇيغانلىقى كۆرسىتىلگەن .
پائالىيەتكە قاتناشقان بۇ ئەرAyman al Aloulمۇنداق دېگەن : مەن بۇ خىل ئۇسۇلدا كىشىلەرگە بىر ئۇچۈرنى يەتكۈزۈشنى يەنى پۈتۈن دۇنيانىڭ غەززە رايونىدا نۆۋەتتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .
سىز بىز ئويناۋاتقان مۇز چېلەك ئويۇنى غەززەدە مۇز شېغىل بىلەن ئوينالماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved