تېڭشۈن تەنتەربىيىسى(لەگلەك تورى تەرجىمىسى)
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسېنال كۇلۇبىىنىڭ ھازىر يەرشارى مىقياسىدىن كۈچلۈك بىر ھۇجۇمچى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.دىيېگو.كوستا›فالكاۋ قاتارلىق بىرقانچە دۇنياۋى دەرىجىلىك مەرگەنلەر ئارسېنالنىڭ سېتىۋېلىش نىشانى،ۋېنگېر(ئارسېنال كۇلۇبىنىڭ تېرنېرى)يەنەبىرقېتىم نەزىرىنى گېرمانىيىگە قاراتتى بۇقېتىمقى نىشان شىچالكې04كوماندىسىدىكى دېراشلېر بولماستىن بەلكى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىكى كېرودىيىلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ماندۇزېك.
دىيېگو.كوستا نىڭ چېلسې كوماندىسىغا قوشۇلۇش قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتىدۇ بۇيىل يازدا سىتانفورد مەيدانىغا يۆتكىلىش نىسبىتى يۇقىرى،فالكاۋ بولسا ئېغىر يارىلانغاچقا كىيىنكى پەسىلدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالىشىغا بىرنىمە دىمەك تەس. پىرافېسسور ۋېنگېرنىڭ خىيالىدىكىدەك ھۇجۇمچى سېتىۋېلىش شېرىن چۈشى يەنە بىر قېتىم بەربات بولدى شۇڭلاشقا بۇقېتىم ئۇماندۇزېك قا ئۈمۈد باغلاپ قالدى.
گىرود نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماسلىقى ئۇدا 8يىل ھېچقانداق چىمپىيونلۇق ئالالمىغان ۋېنگېرنىڭ سەۋرى قاچىسىنى توشقۇزىۋەتتى،لېۋاندوۋىسكى نىڭ بايرېن كوماندىسىغا قوشۇلىشى ماندۇزىك ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر بۇ ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى ئىدى ناۋادا ۋېنگېر بىرىچى بولۇپ ماندۇزىك قا باھا چىقارسا ئۇ چوقۇم بايرېندىن ئايرېلىپ ئارسېنالغا قوشۇلۇشنى تاللايدۇ، بۇپەسىلدە ماندۇزىك گېرمانىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى26مەيدان مۇسابىقىدە17توپ كىرگۈزۈشتەك كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى بۇ 30مەيدان بىرلەشمىدە13توپ كىرگۈزگەن گىرود نىڭ نەتىجىسىدىن كۆپ يۇقىرى.
ئىگىلنىشىچە ئارسېنال تەرەپ بۇرۇنلا گېرمانىيىگە ۋەكىل ئەۋەتكەن بولۇپ بۇقېتىمقى ۋەزىپە بولسا ۋېنگېرنىڭ بىرقانچە نىشانى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۇلار:
‹دېراشلېردېمىچى››ماندۇزىك. يېقىندىن بۇيان ماندۇزىك توماس.مۇللېر بىلەن بولغان ئورۇن تالىشىشتا پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ كىيىنكى پەسىلدە لېۋاندوۋىسكى كوماندىغا قوشۇلسا كېرودىيىلىك تېخىمۇ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ شۇڭلاشقا ئۇ ئارسېنالنىڭ قويغان باھاسىغا ئىنتايىن قىزىقىدۇ ۋە كوماندىدىن ئايرېلىشنى تاللايدۇ.
شۇنىىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ۋېنگېر يەنە لىسابون تەنھەركەتچىللىرى كوماندىسىدىكى بېك لوخو غىمۇ كۆزتىككەن. ئارگېنتىنالىق بۇ بېك ئىزچىل مانچېستېربىرلەشمىسى›لىۋېرپول›مانچېستېرشەھىرى قاتارلىق كۇلۇبلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ،ئارسېنال بۇ ئۇچقۇر بېك نى سېتىۋالالىسا ئۆزىنىڭ سول تەرەپ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتەلەيدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved