مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ۋېيتانمنىڭ شىمالىدىكى يېنباي ئۆلكىسى ۋە تۇيېنكۇاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىن ئۇشتۇمتۇت شىددەتلىك ئاۋاز ئاڭلانغان، كېيىن بۇ ئىككى ئۆلكىدىكى ئامما شۇ جايدا بىردىن يۇمىلاق شارسىمان جىسىمنى بايقىغان، نۆۋەتتە ۋېيتنام ئارمىيە تەرەپ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 لەر بولغاندا، يېنباي ئۆلكىسىدە خۇددى بىر نەرسە كۈچلۈك پارتىلغاندەك شىددەتلىك ئاۋاز ئاڭلانغان، كېيىن كىشىلەر مەزكۇر ئۆلكىنىڭ جىنان بازىرى شىنتوڭ كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ بېغىدىن دىئامېتىرى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق شارسىمان جىسىمنى بايقىغان.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 6 دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە تۇيېنكۇاڭ ئۆلكىسى جەڭخۇا ناھىيىسى شىنمېي كەنتىدىكى ئاھالىلەر ئاسمان بوشلۇقىدىن ئۇدا ئۈچ قېتىم شىددەتلىك ئاۋاز كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان، ئارقىدىنلا شۇ جايدىن دىئامېتىرى 80~100 سانتىمېىتىر كېلىدىغان بىر دانە يۇمىلاق شارسىمان جىسىم بايقالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved