پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 3:45 ئۆتكەندە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىنىڭ تۇلۇقلىما مۇسابىقىسى ( چۈنكى 1-ئايلانما ئوينىلىۋاتقاندا خان مادرىد كۇلۇبى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان. ) خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى بېرنابۇ مەيدانىدا سەرۋىيا كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. جامىس رودرىگۇس ۋە جېسې خان مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن بىردىن توپ كىرگۈزدى. ئاسپاس سەرۋىيا كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. خان مادرىد كۇلۇبىدىن راموس، جامىس قاتارلىقلار يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. سەرۋىيا كۇلۇبىدىنمۇ بىلتو يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشتى. ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجىدە سەرۋىيا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمىدە ئۇدا بەش مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. ۋە 4 نومۇر ئارتۇقچىلىقى بىكەن نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچىسى بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىرىستىيانو رونالدو ئىككى مەۇدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بۇ مەيدان مۇسابىقىسدىن مەھرۇم قالدى. كېيىنكى ئايلانما مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن بولغان مادرىد دېربىسىدا كىرىستىيانو رونالدو مەيدانغا چىقىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خان مادرىد كۇلۇبىدىن بېل ۋە ياردەمچى پاس بەرگەن ئىسكو پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى 8.4 نومۇرغا ئېرىشتى. سەرۋىيا كۇلۇبىدىن پۈتۈن مەيداندا ئىپادىسى قالتىس بولغان ۋە بىر ياردەمچى پاس بەرگەن بىتولو پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى 8.6 نومۇرغا ئېرىشتى.
خان مادرىد كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار :
1-كاسىللاس. 17-ئاربېلوئا. 4-راموس ( 9 مىنۇتتا يارىلىنىپ ناچو ئورنىغا چىقتى.) 2-ۋارانى. 12-مارسىلو. 23-ئىسكو ( 90′ ئىللارامىندى) . 6-قېدرىيا. 8-كىروس. 10-جامىس رودرىگۇس. ( 27 مىنۇتتا يارىلىنىپ جېسې ئورنىغا چىقتى.) 11-بېل. 9-بېنزىما.
سەرۋىيا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
13-بىتو ( 35′ رىك ). 3-فېرناندو ناۋال. 6-كالىسسو. 5-سىسنىئو. 15-كىلوخ ئىچاخ. 4-كېرىخوۋىياك. 12-ئىفۇرا. 25-مۇبىللا. 9-باكا ( 67′ ئاسپاس). 20-بىتولو. 18-دوۋۇروف ( 54′بىدال ).
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved