ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولى-شەمشادلىق يولىدا 6-ئاپرېل سائەت 0:00 دە قاتناشنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، ئالتە قۇرۇلۇش ئورنى ئارقا-ئارقىدىن توسۇلۇپ، يول ئەتراپىغا قولاي يول تەسىس قىلىندى ۋە يول كۆرسەتكۈچ تاختىلىرى ئورنىتىلدى. كاتەكچىسىمان يول قۇرۇلۇشى تەجرىبىسى بولغاچقا، بۇ قېتىمقى ئالتاي يولىنى رېمونت قىلىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى، شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، غەربىي تاشقى ئايلانما يولىدىن ئەگىپ ئۆتىدىغان ئاساسلىق يوللارنى ئالدىن رېمونت قىلدى.
قۇرۇلۇش خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالتاي يولى ئىلگىرى بىر قەدەر مۇكەممەل لايىھەلەنگەچكە، قولاي يوللارنى تەسىس قىلىشمۇ بىرقەدەر ئوڭاي بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي يولى-شەمشادلىق يولىدا قاتناشنى ياخشىلاشتا قاتناشقا چەك قويۇش، يۈرۈشنى مەنئى قىلىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن. قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن، شۇ لىنىيەدە قاتنايدىغان 38 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ۋاقىتلىق تەڭشىلىدىكەن. قۇرۇلۇش مەزگىلىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يوللار بىلەن كېسىشىدىغان خېنەن يولى، گۇيجۇ يولى، ۋېنجۇ كوچىسى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولى، قاراماي غەربىي كوچىسى، قومۇل يولى، شەمشادلىق غەربىي يولى قاتارلىق يوللاردا قاتناشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.
ئالتاي يولى-شەمشادلىق يولىدا قاتناشنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەر يۈزى يولىدا 30-ئاۋغۇست، ئاسما يولىدا 1-ئۆكتەبىر قاتناش باشلاش پىلانلانغان. قۇرۇلۇش شىمالدا ئالتاي يولى-خېنەن غەربىي يولى ئېغىزىغىچە، جەنۇبتا شەمشادلىق يولى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 7.3 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېڭى ياسىلىدىغان ئاسما يول ئۇزۇنلۇقى 5.7 كىلومېتىر كېلىدۇ.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved