كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 9–ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ ئېنوت ›› داۋاملىق شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ ، 9-ئىيۇل كورىيەنىڭ جىجۇ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلغان . جىجۇ ئارىلىدىكى دېڭىزغا يېقىن رايونلار قۇيۇن ۋە دېڭىز دولقۇنىدىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، ‹‹ ئېنوت ›› كورىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ، ‹‹ ھالقىش ›› ناملىق كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ئىزدەش خىزمىتى بەش كۈن توختاپ قالغان . ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان چاتما كېمە ، ھەربىي پاراخوتلار يېقىن ئەتراپتىكى پورتقا قايتىپ خەتەردىن ساقلانغان ، پەقەت مىڭ توننېرلىقتىن چوڭ بەش پاراخوتلا ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز تەۋەلىكىدە قالدۇرۇلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved