ۋاڭيى مالىيە تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ھىندونېزىيەدە ئەرلەرنىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىشىغا يول قويۇلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما شەرقى لومبوك ناھىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا پەرمان چۈشۈرۈپ، ئەمەلدارلاردىن كۆپ خوتۇن ئېلىشتا «بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
ھىندونېزىيە «كومپاس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي لومبوك ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ناھىيە ئەمەلدارلىرى 2- خوتۇن ئالماقچى بولسا، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلگەندىن سىرت، يەنە تەخمىنەن بىر مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسىگە باراۋەر كېلىدىغان «بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى پەرمان چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت ئەمەلدارلارنى باج تاپشۇرۇپ كۆپ خوتۇن ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى كۆپ خوتۇن ئالدۇرماسلىق ئىكەن.
يىغىلغان «بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ غەزىنىسىگە كىرىدىكەن. ھىندونېزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي لومبوك ناھىيەسىنىڭ بۇ يېڭى پەرمانىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق ئىكەن، چۈنكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يەرلىك باج قانۇنىدا، بۇنىڭدەك «بىر ئەر، كۆپ خوتۇنلۇق بېجى» ئېلىش بەلگىلىمىسى يوق ئىكەن، ئەگەر بۇ پەرمان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باھالىشىغا يوللانسا، بۇ پەرمان ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدا، ئەر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىشتىكى ئالدىنقى شەرت ئىلگىرىكى جۆرىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، تويدىن كېيىن ھەر بىر ئايالىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ھەمدە ئائىلىسىنى قامدىيالايدىغان يېتەرلىك مالىيە كۈچى بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر ئەمەلدارلارنىڭ تۇنجى خوتۇنى تويدىن كېيىن 10 يىلغىچە تۇغمىسا، ياكى ئىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئىرىدىن ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئايرىلسا، ئۇ ھالدا ئىرى 2- خوتۇن ئېلىشقا بولىدىكەن.
بىراق ھىندىنوزىيە ئىچكى سىياسىي ئورگاننىڭ ئاخباراتىغا قارىغاندا شەرقى لومبوك ناھىيەسنىڭ بۇ خىل يېڭى تۈزۈمىنىڭ قانۇنى ئاساسى يوق ئىكەن.شۇڭا ئەمەدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىكى يۇقىرى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved